باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نۇتقى

ئانا مېھرى

      ھەر يىلى ماينىڭ 2 – يەكشەنبىسى ئانىلار بايرىمى. بۇلتۇرقى ئانىلار بايرىمىدا مەن مۇڭداشقۇ توپىدىن بىر پارچە تەسىرلىك كارتون سۈرەتنى تاپشۇرۇۋالدىم، بۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: كىچىك ۋاقتىڭىزدا ئانىڭىز نۇرغۇن ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ سىزگە قوشۇق، چوكا ئىشلىتىشنى، تاماق يېيىش، كىيىم كىيىشنى، ئاياغ بوغقۇچى چىگىش، تۈگمە ئېتىشنى ئۆگىتىدۇ. سىز بارا – بارا چوڭ بولىسىز، ئانىڭىز بارا – بارا قېرىيدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئانىڭىزمۇ تۈگمىسىنى ئېتىشنى، ئايىغىنىڭ بوغقۇچىنى چىگىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، تاماق يېگۈچە كىيىمىنى مەينەت قىلىۋېتىدۇ، بىراق سىز ئۇنىڭ يېنىدا بولسىڭىزلا ئۇ ناھايىتى خۇشال بولىدۇ، ئىللىقلىق ھېس قىلىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ مەزمۇت تۇرالمايدىغان، ماڭالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەينى چاغدا ئانىڭىزنىڭ سىزنى يېتىلەپ ماڭغىنىغا ئوخشاش سىزمۇ ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ماڭىسىز.

      دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مۇھەببەت ئانا مۇھەببىتى. ئانا بىزگە ھاياتلىق بەرگەن، ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا بىزگە ھەمراھ بولۇپ ئادەم بولۇشنى ئۆگەتكەن. ئۇ بىزنى ئۆزىدىن بەكرەك سۆيىدۇ، بىزگە ھەرقانداق ئادەمدىن بەكرەك كەڭ قورساقلىق قىلىدۇ. ئانىنىڭ تەبەسسۇمى دۇنيادىكى ئەڭ ئىللىق باھار شامىلى، ئانىنىڭ يۈزىدىكى قورۇق جاپالىق يىللارنىڭ يالدامىسى، ئانىنىڭ مۇھەببىتى دۇنيادىكى ئەڭ شەخسىيەتسىز مۇھەببەت.

      ‹‹ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپار، قۇش ئايلىنىپ ئۇۋىسىنى›› دېگەن گەپ بار. ئانىنىڭ چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببىتىگە قانداق تەشەككۈر ئېيتىشىمىز كېرەك؟ بىز تىرىشىپ، ئىجتىھات بىلەن ئۆگەنسەك ئانىمىزنىڭ كېچە – كۈندۈز بىزگە سىڭدۈرگەن ئەجرىگە جاۋاب قايتۇرالايمىز. ئىنتىزامغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، ئاكتىپ ئىلگىرىلىسەك ئانىمىزنىڭ بىز ئۈچۈن تارتقان جاپا – مۇشەققەتلىرىگە يۈز كېلەلەيمىز. بىز بىرلىكتە تىرىشىپ ‹‹تۆتتە ياخشى ئۆسمۈر››لەردىن بولۇپ ئانىمىزغا جاۋاب قايتۇرايلى. بارلىق ئانىلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر