باش بەت | مەشھۇر شەخسلەر

لۇتپۇللا مۇتەللىپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بايراقدارى

ــ لۇتپۇللا مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

مۇھەممەتتۇرسۇن ھەسەن

      بۇ يىل ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى، ئوت يۈرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىغا 90 يىل بولدى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ شىنجاڭنى زۇلمەت قاپلىغان تىنچسىز يىللاردا ياشىدى. ئۇنىڭدىكى تەبىئىي تالانت، تىرىشچانلىق، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ، تولۇپ - تاشقان ئىنقىلابىي ئىرادە ئۇنى تېزلا شۇ دەۋرنىڭ ئىلغار زىيالىيغا ئايلاندۇردى. ئۇ 15 يېشىدىلا چوڭقۇر تەپەككۇرغا، كۈچلۈك پەلسەپىۋىلىككە، يۈكسەك غايىگە، روشەن دەۋر روھىغا، جەڭگىۋار سىياسىۋىيلىككە ئىگە لىرىكىلارنى يازدى. ئۇ ئۆمرىدە پەقەت سەككىز يىل قەلەم تۇتتى. ئۇنىڭ كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا تويۇنغان  ‹‹ خەلقىمگە››، ‹‹كۈرەشچان جۇڭگو خوتۇن - قىزلىرى››، ‹‹بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى››، ‹‹كۆكلەم ئىشقى››، ‹‹بىز شىنجاڭ ئوغۇل - قىزلىرى››، ‹‹جۇڭگو پارتىزانلىرى››، ‹‹كۈرەش››، ‹‹جۇڭگو››، ‹‹كۈرەش دولقۇنلىرى›› قاتارلىق 20 پارچىغا يېقىن لىرىكىسى غۇلجىدىكى تاتار، رۇس مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە يېزىلغان. بۇ شېئىرلارنى ئوقۇغىنىمىزدا، ئۇنىڭدىكى پىكىرنىڭ بىر ئۆسمۈر بالىنىڭ قەلىمىدىن تامغانلىقىغا ھەيران قالىمىز. ئۇنىڭ 1941 - يىلى ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىنىنى پۈتكۈزۈپ ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› ۋە ‹‹ئاقسۇ گېزىتى››دە ئىشلىگەن ۋاقىتلىرى تولىمۇ جىددىي كۈرەش ئىچىدە ئۆتتى. بۇ جەرياندا ئۇ ئەدەبىياتىمىزنىڭ پوئېزىيە پىروزا، دىراماتورگىيە، ئەدەبىيات نەزەرىيەسى، ئەدەبىي تەنقىد قاتارلىق تۈرلىرى بويىچە ئىجادىيەت قىلدى.

      20 - ئەسىرنىڭ 30 -، 40 - يىللىرىدا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئەنۋەر ناسىرى نۇربوساقۇپ، بىلال ئەزىزى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر قاتارلىق ئىلغار پىكىرلىك ياشلار ئەدەبىيات ئارقىلىق خەلقنى ئويغىتىش، چىرىك ئىجتىمائىي تۈزۈمى ئاغدۇرۇپ، ئېزىش - ئېزىلىش بولمىغان يېڭى دەۋرنى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلىپ جەڭگىۋار سىياسىي لىرىكىلارنى يېزىشقا باشلىدى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ شۇلار قاتارىدىكى بايراقدارلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر 100 پارچىغا يېقىن سىياسىي خاراكتېرى كۈچلۈك لىرىك شېئىرلارنى يازدى. ئۇنىڭ ‹‹يىللارغا جاۋاب›› ‹‹بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتىى›› ‹خىيالچان تىلەك››، ‹‹لېنىن شۇنداق ئۆگەتكەن›› ناملىق شېئىرلىرى بۇنىڭ تىپىك مىسالى. بولۇپمۇ ‹‹يىللارغا جاۋاب›› شېئىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى. شېئىرىدىكى ئوخشىتىش، جانلاندۇرۇش، مۇبالىغە قاتارلىق ئىستىلىستىك ۋاسىتىلەر شېئىرنى يۇقىرى بەدىئىي ئۈنۈمگە ئىگە قىلغان. شۇڭا لۇتپۇللار مۇتەللىپنى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا سىياسىي لىرىكا يېزىقىنىڭ باشلامچىسى دېيىشكە بولىدۇ.

      لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1942 - يىلى ‹‹پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېشىر ھالسىرايدۇ››، ‹‹ئەجەل ھودۇقۇشىدا›› قاتارلىق فېليەتونلارنى يېزىپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا تۇنجى بولۇپ بۇ ژانىرنى قوللانغان شائىر. كىشىنى قايىل قىلىدىغان يېرى شۇكى، 1942 - يىللاردا ياۋروپا جەڭ مەيدانلىرىدا گېرمانىيە، ئىتالىيە بىلەن ئىتتىپاقداش ئارمىيە، ئاسىيادا ياپونىيە بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا كەسكىن ئۇرۇش بولۇۋاتاتتى، ئۇرۇشتا كىمنىڭ يېڭىش، كىمنىڭ يېڭىلىش مەسىلىسى تېخى بەلگىلەنمىگەنىدى. ئەمما ئۇرۇش مەيدانىدىن يىراقتىكى لۇتپۇللا مۇتەللىپ دۇنيا ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى توغرا مۆلچەرلەپ، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيەدىن ئىبارەت تاجاۋۇزچى دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇشتا چوقۇم مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى ئالدىن كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ كەسكىن مەيدانىنى يۇقىرىقى ئەسەرلىرىدە يارقىن ئىپادىلىگەن.

      ئۆز نۆۋىتىدە لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان بالىلار ئەدەبىياتىغا ئۇل سالغۇچى ئىكەنلىكىنىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈش مۇمكىن. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ياشىغان دەۋرگىچە بولغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا نەزەر سالساق، تارىخىي سەۋەب تۈپەيلىدىن بالىلار ئەدەبىياتى بوشلۇق ئىدى. 1944 - يىلى ئاپرېلدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ ‹‹بىزنىڭ مەمەت›› ناملىق شېئىرنى يېزىپ، بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ تۇنجى ئۇلىنى سالغان. شېئىرنىڭ تىلى تاتلىق بولۇپ، بالىلارنىڭ تۇرمۇشىغا، روھىي دۇنياسىغا، خاراكتېرىگە، تۇرمۇش ئادىتىگە ناھايىتى يېقىن.

      لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاران 20 نەچچە يىل ئۆمۈر كۆرگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ۋەزىندار نادىر ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغىنىمىزدا ئۇنىڭ تەبىئىي تالانتىغا، قورقماس ئىنقىلابىي جاسارىتىگە، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا قايىل بولىمىز.

 

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر