باش بەت | تەربىيەچىلىرىمىز

سەبىيلەر قەلبىدىكى سەنئەتكار باغۋەن

خەيرىگۈل ئەمەت (تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز)

      ‹‹مەن سەنئەتنى سۆيىمەن. ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىمەن. ئوقۇغۇچىلىرىمنى ئەجرىم بىلەن كەڭ سامادا پەرۋاز قىلدۇرسام، سەنئەت بېغىدا تېخىمۇ كۆپ نوتىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقسام دەيمەن››. بۇ پوسكام ناھىيەلىك 1 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى گۈلئازات ھوشۇرنىڭ قەلب سۆزى.

      گۈلئازات مۇئەللىم خىزمەتكە قاتناشقان 26 يىلدىن بېرى ئىزچىل مۇزىكا دەرسى بېرىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتتى، ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيىتىنى جانلاندۇردى. ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەنئەت ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىنلىقىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ قىز – ئوغۇللارغا ماس كېلىدىغان ساما ئۇسسۇلى، گۈزەللىك گىمناستىكىسىنى ئىشلەپ ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگەتتى. بۇ ئۇسسۇل پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ۋە يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.

     سۈرەتتە: گۈلئازات مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلىمەكتە.

      گۈلئازات مۇئەللىم مەكتەپ رھبەرلىكى ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ بايرام ۋە دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدىمۇ ئۇسسۇل تەييارلاش بىلەن ئالدىراش ئۆتتى. بىر قېتىم رەھبەرلىك گۈلئازات مۇئەللىمگە پوسكام ناھىيەسىدىكى 10 نەپەر ئوقۇغۇچىنى شاڭخەيگە دوستانە ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئۇلارغا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۈچ سەنئەت نومۇرى تەييارلاش ۋەزىپىسىنى بەردى. ۋاقىت قىس، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش پەرقى چوڭ بولۇشتەك قىيىنچىلىق ئالدىدا ئۇ كېچىدە ئۇسسۇل تەييارلاش، كىيىم لايىھەلەش، كۈندۈزدە ئۇسسۇل مەشىق قىلدۇرۇش ئارقىلىق بۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئېسىل نومۇرلار بىلەن شاڭخەيگە ۋاقتىدا ئۇزىتىپ قويدى.

      گۈلئازات مۇئەللىم شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇش روھىغا ئىگە باغۋەن. بىر قېتىم ئۇ ناھىيەلىك پاراۋانلىق مەكتىپىنىڭ بالىلار بايرىمىلىق پائالىيەت ئېلىپ بارماقچى ئىكەنلىكىنى، بالىلارغا سەنئەت نومۇرلىرىنى ئۆگىتىش جەھەتتە قىينىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇ خالىس ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالدى. ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپلا بۇ ئورۇنغا كېلىپ بالىلارغا ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىنى ئۆگەتتى. دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئۇلارغا سەرىپ قىلدى.

      تىرىشچانلىق گۈلئازات مۇئەللىمنى شەرەپگە ئىگە قىلدى. ئۇ مەكتەپ ۋە ناھىيە بويىچە 27 قېتىم ‹‹مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا ئەترەت تەربىيەچىسى››، 15 قېتىم سەنئەتتىكى ‹‹مۇنەۋۋەر يېتەكچى›› دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. 2010 – يىلى 12 – ئايدا ئۇ ئىجاد قىلغان ‹‹›تۆتتە ياخشى‹ ئۆسمۈر بەك ياخشى›› دېگەن ناخشا مەكتەپ بويىچە ئومۇملىشىپ رەھبەرلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. شۇ يىلى يېڭى يىللىق سەنئەت كېچىلىكىدە ئۇ ئىشلىگەن ‹‹ئۆگىنىمىز لېي فېڭدىن›› ناملىق ئۇسسۇل، 2011 – يىلى ‹‹ئەپەندى ۋە بالىلار›› ناملىق ئۇسسۇل ناھىيە بويىچە ئايرىم – ئايرىم ھالدا بىرىنچى دەرىجىگە ئېرىشتى، ۋىلايەت بويىچە ‹‹پىدائىي تەربىيەچى›› بولۇپ باھالاندى.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر