باش بەت | ئەترەت پائالىيەتلىرى

ئوتتۇرا ئەترەت پائالىيىتىنىڭ تېمىسىنى قانداق تاللاش كېرەك

    قۇربانجان توختى ئازىق 

      بىر سائەتلىك ئوتتۇرا ئەترەت پائالىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پائالىيەتنىڭ تېمىسى، مەزمۇنى، شەكلىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. تېما جانلىق بولسا مەزمۇن ۋە شەكىل شۇ تېما ئاساسىدا ئەتراپلىق قانات يايدۇرۇلىدۇ. شۇڭا، پائالىيەت ئېلىپ بېرىشتىن ئاۋۋال پائالىيەت تېمىسىنى ياخشى تاللاش كېرەك.

      1. كىچىكتىن چوڭنى بايقاپ ئوقوغۇچىلار ئەمەلىيىتىدىن تېما تاللاش

      ئوقۇغۇچىلار تۇمۇشىدا يۈز بېرىۋاتقان ياكى ئومۇملىشىۋاتقان بىر قىسىم كىچىك ئىشلارغا نەزەر سالساق شۇ كىچىك ئىش ياكى ھادىسىلەردە ئەكس ئېتىۋاتقان چوڭ مەسىلىلەرنى بايقايمىز. شۇڭا، تەربىيەچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ خىل ئىچكى ئېھتىياجىنى تونۇپ يېتىپ ئوقۇغۇچىلار ئەمەلىيىتىدىن ياخشى تېما تاللاپ چىقىشى ۋە قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولغان تەربىيە ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئۇنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. مەسىلەن، ئوقۇغۇچىلاردا ئۆگىنىشتە يېتىشەلمەيدىغان، ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان، ساۋاقداشلىرى ئارا ئىناق ئۆتمەيدىغان، پارچە پۇللارنى مۇۋاپىق ئىشلەتمەيدىغان، ئۆگىنىش ئۇسۇلى توغرا بولمايدىغان، ئويۇنغا بېرىلىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا ‹‹مەنمۇ تىرىشچان بالا بولىمەن››، ‹‹ئىشەنچ – مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئاساسى››، ‹‹ئىناقلىق بىزگە ھەمراھ››، ‹‹پارچە پۇلنىڭ قۇدرىتى››، ‹‹كىتابنى قانداق ئوقۇش كېرەك››، ‹‹ئويۇن بىزلەرگە نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى›› قاتارلىق تېمىلاردا پائالىيەت تەشكىللەپ ئوقۇغۇچىلاردا ئەمدى بىخلىنىۋاتقان ياكى سەل قارىلىۋاتقان سەلبىي تەرەپلەرنى ۋاقتىدا تۈزەش كېرەك. مەن يۇقىرىدىكى پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇنداق تېمىلىق پائالىيەتلەرگە بەكلا قىزىقىدىغانلىقى ۋە ئۈنۈمىنىڭمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.

      2. چوڭدىن كىچىكنى بايقاپ جەمئىيەتتىن تېما تاللاش

      دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى چوڭ ئىشلاردىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەۋى ئەمەلىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان كىچىك ئىشلارنىمۇ بايقىغىلى بولىدۇ. ئوقۇغۇچى ئالدى بىلەن جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى. جەمئىيەتتە ياشىغاىكەن شۇ جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئىجتىمائىي ھادىسىلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېڭىنىڭ ئۆسۈشىگە، جەمئىيەتنى چۈشىنىشىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان ئۇچۇرلار ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىنى مۇرەككەپلەشتۈرىدۇ. بۇ تەربىيەچىلەردىن ۋەزىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. تەربىيەچىلەر ئوقۇغۇچىلاردىكى بۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ تېما بەلگىلەپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ ئوقۇغۇچىلارغا ھازىرقى دۆلەت ئەھۋالى، قىزىق نۇقتىلار ئۈستىدە چۈشەنچە، ساۋاق بېرىشى كېرەك. مەسىلەن، سارس، قىزىل، جىگەر قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولغاندا سەھىيە تارماقلىرى بىلەن ماسلىشىپ ئوقۇغۇچىلارغا سەھىيە بىلىملىرى بېرىش ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئۆگىتىش؛ يەر تەۋرەش، كەلكۈن ئاپەتلىرى يۈز بەرگەندە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مۇشۇنى تېما قىلىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ ئالدىنى ئېلىش، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش قاتارلىق بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى بېرىش؛ قانۇن بىلىملىرىنى بېرىشنى ئاساس قىلىپ قانۇن ماددىلىرىنى يادلاتقۇزۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانماسلىقنى، قانۇن ئارقىلىق ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداشنى ئۆگىتىش، مەكتەپتە قانۇن بىلىملەرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ؛ تۈرلۈك پەن – تەتقىقات مېۋىلىرى بىلەن تونۇشۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، دەرسخانىدا ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش تەربىيەسىنى ئېلىپ بېرىش كېرەك.

      3. ئەنئەنە ئىچىدىن تېما تاللاش

      ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، كوللېكتىۋىزملىق تەربىيەسى، مەدەنىي، ئەدەپلىك بولۇش تەربىيەسى قاتارلىق بىر قىسىم تېمىلار ۋاقتى ئۆتمەيدىغان ھەم ئۆلمەيدىغان مەڭگۈلۈك تېمىلاردۇر. كۆپ يىللاردىن بۇيان بۇنداق ئەنئەنىۋى تېمىلار يوقالماستىن تەرەققىي قىلىپ دەۋر تۈسىنى ئېلىپ تېخىمۇ بېيىدى. شۇڭا، تەرىبيەچىلار بۇنداق ئەنئەنىۋى تەربىيە مەزمۇنىنى تېما قىلغاندا مەزمۇن ۋە ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ دەۋرگە ماسلاشتۇرۇپ ئوقۇغۇچىلار ئاسان قوبۇل قىلىدىغان قىلىپ لايىھىلىشى كېرەك. ئىلگىرىكى يىللاردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، كوللېكتىۋىزىملىق تەربىيەسى، مەدەنىي بولۇش تەربىيەسىنىڭ مەزمۇنلىرىدا ھازىر ئۆزگىرىش بولدى، تېما تاللىغاندا تەشۋىقات نۇقتىسىنى تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مەسىلەن، ‹‹ئولىمپىكقا تەلپۈنۈش››، ‹‹مەن ئالەم كېمىسى ياسىماقچى››، ‹‹لاياقەتلىك كىچىك پۇقرا بولىمەن››، ‹‹ئەخلاق مەن بىلەن بىللە›› قاتارلىق تېمىلاردا پائالىيەت ئېلىپ بارغاندا ئەنئەنىنى ھازىر ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ پائالىيەتنىڭ قاتمال بولۇپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

(ئاتۇش شەھىرى ئازاق يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپتىن)

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئىلمىنۇر