باش بەت | ئائىلە تەربىيەسى

ئائىلە تەربىيەسىدىكى بىر مىنۇت

      ھازىر نۇرغۇن ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئىنگلىز تىلى، كومپيۇتېر، ساز ئۆگىتىدىغان ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ بېرىپ، تەتىللەردە ھەرخىل كۇرۇسلارغا ئاپىرىپ، ئۆزىنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەش بۇرچىنى ئاشۇرۇپ ئۇرۇنلىغاندەك ھېس – تۇيغۇلاردا يۈرىدۇ. ئەمما بىر ئادەم ئۈچۈن، توغرا يولدا، توغرا ئەقىدە، دۇرۇس ئېتىقادتا ياشاش، نان تېپىپ يېيىشكىلا پايدىسى بولىدىغان ئىقتىدارلارنى ھازىرلاشتىن كۆپ مۇھىمدۇر. شۇڭلاشقا پەرزەنت تەربىيەسىنىڭ يادروسى، بولۇپمۇ ئاتا – ئانىغا نىسبەتەن بالىسىغا قانداق ئادەم بولۇشنى، نېمە ئۈچۈن ياشاشنى، ھاياتتا قايسى پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىپ، نېمىنى قوللاپ، نېمىگە قارشى تۇرۇپ ياشاشنى ئۆگىتىشتۇر. ئەمما ئاتا – ئانىلار ئۆزلىرى قىلالمىغان ئىشلارنى بالىلىرى قىزىقمىسىمۇ زورلاپ قىلغۇزىدۇ. دېمەك، شۇنى بىلمەك قىيىن ئەمەسكى، پەرزەنت تەربىيەسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بالىدىلا، ياكى نۆل ياشتا، ياكى قورساقتا ئەمەس، بەلكى ئاتا – ئانىنىڭ ئۆزىدە.

      دەرۋەقە، بىر مىنۇتنىڭ قۇدرىتى ناھايىتى ئۇلۇغ. بىر ئانا ئەۋلاد تەربىيەلەشتە نۇرغۇنلىغان ‹‹بىر مىنۇت››لارنى باشتىن كەچۈرىدۇ. بىراق گەپ ئۇنىڭ شۇ بىر مىنۇتتا قانداق ئىشلارنى قىلىشىدا.

      بىر مىنۇت يېقىنلىشىش

      بالىڭىزنىڭ قولىنى بىر مىنۇت تۇتۇپ، بېشىنى بىر مىنۇت سىيلاپ، باغرىڭىزغا بىر مىنۇت بېسىپ ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى تەبرىكلىسىڭىز، مېھرىڭىز ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىشەنچ قوشقان بولىسىز.

      گېپىگە بىر مىنۇت قۇلاق سېلىش

      بەزىدە شۇنداق ئالدىراش چېغىڭىزدا بالىڭىز كۆڭلىدىكىنى ئېيتىش ئۈچۈن سىزگە تېلېفون بېرىدۇ ياكى يېنىڭىزغا كېلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ گېپىگە بارلىق دىققىتىڭىز بىلەن بىر مىنۇت قۇلاق سېلىڭ، شۇندىلا بالىڭىز بىلەن ئوتتۇرىڭلاردىكى ئىشەنچ، مېھىر – مۇھەببەت تېخىمۇ ئاشىدۇ.

      بىر مىنۇت بىللە ئويناش

      بىللە ئويناش ئاتا – ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر–مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. بالىنىڭ تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇرىدۇ.

      بىر مىنۇت ئىچىدە تۈزىتىش

      بالىڭىزنىڭ خاتا ئىش قىلغىنىنى كۆرگەن شۇ بىر مىنۇت ئىچىدە، خاتالىقىنىڭ ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ، تۈزىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىڭ.

      بىر مىنۇت ماختاش

      بالىنىڭ ۋۇجۇدىدا ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىق بولىدۇ. بۇ ئارتۇقچىلىقلارنى بايقاشقا ماھىر بولۇڭ ۋە بايقىغان ھامان بىر مىنۇت ۋاقىت ئاجرىتىپ، ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىڭ.

 

مەنبە: جۇڭگۇ ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: ئاينۇر