باش بەت | كائىنات سىرلىرى

قارا رەڭلىك گۈل نېمىشقا ئاز ئۇچرايدۇ

      قۇياش نۇرى پىرىزمىدىن ئۆتكەندە يەتتە خىل رەڭدىكى نۇرغا بۆلىنىدۇ، يورۇقلۇق دولقۇنىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن، تەركىبىدىكى ئىسسىقلىق مىقداىمۇ ئوخشىمايدۇ. قىزىل، قىزغۇچ سېرىق، سېرىق رەڭلەرنىڭ يورۇقلۇق دولقۇنى ئۇزۇن، تەركىبىدىكى ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى؛ كۆك، بىنەپشە رەڭلەرنىڭ يورۇقلۇق دولقۇنى قىسقا، تەركىبىدىكى ئىسسىقلىق مىقدارىمۇ تۆۋەن بولىدۇ. گۈل - گىياھلار ناھايىتى يۇمران بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ زىيىنىغا ئاسان ئۇچرايدۇ، شۇڭلاشقا تەبىئەتتىكى گۈل - گىياھلار ئادەتتە پەقەت ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن بولغان كۆك، بىنەپشە رەڭلەرنىلا سۈمۈرىدۇ، ئەمما قىزىل، قىزغۇچ سېرىق رەڭلەرنى قايتۇرىدۇ. ئەگەر گۈلى قارا بولسا، قارا رەڭ بارلىق دولقۇن بۆلىدىكى يورۇقلۇق دولقۇنىنى سۈمۈرىدۇ، ئۇ ھالدا ئىسسىقلىقنىڭ زىيادە كۆپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، گۈلنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، بۇ ئەلۋەتتە گۈلنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشىگە پايدىسىز. شۇڭا تەبىئەتتە قارا رەڭلىك گۈللەر ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.

       

مەنبە: بىلىم - كۈچ تەھرىر: قەلبىنۇر