باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نۇتقى

كۇلكىگە تولسۇن ئالەم

      ساۋاقداش، يېنىڭىزدىكى ساۋاقدىشىڭىزغا، مۇئەللىمىڭىزگە كۈلۈمسىرەپ قاراپ بېقىڭ. بۇ چاغدا سىز چوقۇم ساۋاقدىشىڭىزنىڭ چېھرىدە پەيدا بولغان سەمىمىي كۈلكىنى، مۇئەللىمىڭىزنىڭ چىرايىدىكى خاتىرجەم تەبەسسۇمنى كۆرەلەيسىز.

      كۈلكە ئادەمنىڭ چىن كۆڭلىدىن چىققان قىزغىنلىق ھەم سەمىمىيلىكتۇر. بولۇپمۇ سىز كىشىلەرگە روبىرۇ تۇرۇپ تەبەسسۇم قىلغاندا ئۇنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز قۇدرىتىنى بايقايسىز. ھەمراھىڭىز قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا قىلغان تەبەسسۇمىڭىز ئۇنىڭغا زور ئىلھام بېرىدۇ، يېقىن دوستىڭىز بىلەن ئارىڭىزدا ئۇقۇشماسلىق يۈز بەرگەندە قىلغان تەبەسسۇم كۆڭۈلسىزلىكلەرنى يۇيۇۋېتىدۇ، مۇئەللىمىڭىزگە قىلغان تەبەسسۇمىڭىز بۇ ھارماس باغۋەنگە بولغان ھۆرمىتىڭىزنى ئىپادىلەيدۇ، ئاتا – ئانىڭىزغا قىلغان تەبەسسۇمىڭىز ئۇلارنىڭ شەخسىيەتسىز غەمخولۇقىغا بولغان تەشەككۈرىڭىزنى بىلدۈرىدۇ، ناتونۇش كىشىلەرگە قىلغان تەبەسسۇمىڭىز ئۇنىڭغا ئەۋەتكەن دوستانە ئۇچۇرىڭىزنى ئىپادىلەيدۇ... شۇڭا تەبەسسۇم قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ، ھەربىر كۈنىڭىزنى تەبەسسۇم بىلەن باشلاڭ!

      ئۆزىگە تەبەسسۇم قىلىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئازابلانغاندا كۈلۈمسىرىسىڭىز قايغۇلىرىڭىز يوقىلىدۇ، مەغلۇپ بولغاندا كۈلۈمسىرىسىڭىز ئىلگىرىلىشىڭىزگە يول ئېچىلىدۇ، جىددىيلەشكەندە كۈلۈمسىرىسىڭىز ئۇ سىزگە ئۆزىڭىزگە ئىشىنىشنى، چېكىنمەسلىكنى ئەسكەرتىدۇ، مەھرۇم قالغاندا كۈلۈمسىرىسىڭىز ئۇ سىزگە خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ، ھاياجانلانغاندا كۈلۈمسىرىسىڭىز ئۇ سىزگە دېڭىز – ئوكياندەك كەڭ قورساقلىق ئاتا قىلىدۇ.

      ساۋاقداش، ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرگە تەبەسسۇم قىلغىنىڭىزدا ئەڭ تەبىئىي، ئەڭ سەمىمىي، ئەڭ گۈزەل تەبەسسۇمنى ئۆزىڭىزگە قالدۇرۇڭ. بۇ چاغدا سىز ھاياتنىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىنى ھېس قىلىسىز، يارقىن كۈيلەر ۋە تەبەسسۇم سىزگە مەڭگۈ يار بولغاي!

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر