باش بەت | يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن

دۇنيادا قانچە خىل ھايۋان بار

      يەر شارىدا ئىنسانلاردىن باشقا، يەنە نۇرغۇن جانلىقلار ياشايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ھايۋانلار ئەڭ كۆپ. ئالىملارنىڭ ئەڭ يېڭى ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، دۇنيادىكى ھايۋانلارنىڭ تۈرى بىر مىليون 500 مىڭدىن ئاشىدىكەن. ھايۋانلار تۈرى ئۆسۈملۈكلەر تۈرىنىڭ تەخمىنەن ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، مىكرو جانلىقلار سانىدىن تەخمىنەن ئون نەچچە ھەسسە كۆپ. بۇ سان – ساناقسىز، خىلمۇخىل ھايۋانلارنىڭ بەزىلىرى يىل بويى يەر ئاستىدا ياشايدۇ، بەزىلىرى قۇرۇقلۇقتا ئۆمىلەپ ياكى يۈگۈرۈپ يۈرىدۇ، بەزىلىرى ئاسماندا پەرۋاز قىلسا، يەنە بەزىلىرى سۇدا ئەركىن ئۈزۈپ ئوينايدۇ. بەزى ھايۋانلار ناھايىتى كىچىك بولۇپ، ئادەتتىكى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، تېتراخىمېنا قۇرتىدىن 1000نى بىر يەرگە يىغسىمۇ بىر مىللىمېتىر كەلمەيدۇ؛ بەزى ھايۋانلار ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، ئەڭ چوڭ كۆك كىتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30 مېتىردىن، ئېغىرلىقى 200 توننىدىن ئاشىدۇ.

      ھاشاراتلار ھايۋانات دۇنياسىدىكى ئەڭ چوڭ بىر تۈز بولۇپ، ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ھاشاراتلار تۈرى بىر مىليون خىلغا يېتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىنسانلارغا پايدىلىق.

      دېڭىز – ئوكيان ھايۋانلىرىنىڭ تۈرى 150 مىڭ خىلدىن ئاشىدۇ. مەقەت ھازىرغىچە مەلۇم بولغان بېلىق تۈرلىرىلا 25 مىڭ خىل بولۇپ، بارلىق ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ كۆپ. ئۇچار قۇشلارنىڭ تۈرى 9000 خىلدىن كۆپ. قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ تۈرى ھايۋانلارنىڭ تۈرى 3500 خىلدىن كۆپ.

      ئەگەر نەسلى قۇرۇپ كەتكەب ھايۋانات تۈرلىرىنى قوشۇپ ھېسابلايدىغاب بولساق، يەر شارىدا ياشاپ ئۆتكەن ھايۋانلارنىڭ تۈرى تېخىمۇ كۆپ بولغان بولىدۇ.

 

مەنبە: يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن تەھرىر: مەۋلان