باش بەت | ئاتا – ئانامغا خەت

ئانامغا خەت

ئارزۇگۈل تۇنىياز

      قەدىرلىك ئانا، سىز ئۈچۈن بىر ئۆمۈر خىزمەت قىلساممۇ ماڭا بەرگەن ئاق سۈتىڭىزگە جاۋاب قايتۇرالمايمەن. سىزنىڭ ماڭا سىڭدۈرگەن ئەجرىڭىزگە مىڭلاپ تەشەككۇر ئېيتقۇم كېلىدۇ.

      قەدىرلىك ئانا، سىز دائىم: ‹‹بالىلىرىم، سىلەر مېنىڭ بەختىم ھەم خۇشاللىقىم›› دەيسىز. ئىشتىن چارچاپ قايتىپ كەلسىڭىزمۇ بىزگە تاماق ئېتىپ بېرىسىز. ھەر قېتىم ھارغىن ھالىتىڭىزنى كۆرسەم سىزگە بەكمۇ ئىچىم ئاغرىيدۇ. شۇڭا، سىز ئىشتىن كەلگۈچە ئۆيلەرنى تازىلاپ تاماققا تەييارلىق قىلىپ قويىمەن. ئەمما سىز: ‹‹ماڭا ياخشى نەتىجىڭىز لازىم، ۋاقتىڭىزنى ئۆي ئىشلىرىغا ئىسراپ قىلماڭ›› دەيسىز. جېنىم ئانا، مېنىڭ يۈكىڭىزنى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللەتكۈم بار. مېنى ئۆي ئىشلىرىدىن توسىمىسىڭىز. مەن ۋاقىتىمنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ دەرسلىرىمنى ياخشى تەكرار قىلالايمەن.

      ھېلىمۇ ئېسىمدە، 3 – يىللىقتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى. مەكتىپىمىزدە ‹‹قوش تىل››دا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولدى. مېنىڭ مۇسابىقىگە ئوتتەك قاتناشقۇم بولسىمۇ نەتىجىگە ئېرىشەلمەي ساۋاقداشلىرىم ئارىسىدا مەسخىرىگە قېلىشتىن قورقۇپ تىزىملىتىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم. ئەمما، سىز ئىچىمدىكىنى بىلىۋالغاندەك: ‹‹بالام، ئاڭلىسام مەكتىپىڭلاردا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىكەن، قاتنىشىپ باقامسىز؟›› دەپ سورىدىڭىز. مەن جۈرئەت قىلالمايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. سىز: ‹‹بالام، جۈرئەتلىك بولۇڭ. سىزگە ئىشىنىمەن، چوقۇم نەتىجە قازىنالايسىز›› دېدىڭىز. رىغبىتىڭىز بىلەن ئەتىسىلا مۇسابىقىگە تىزىملاتتىم ھەم بىرىنچىلىككە ئېرىشتىم. بۇ مېنىڭ تۇنجى مۇۋەپپەقىيىتىم ئىدى.

      قەدىرلىك ئانا، مەن مېھىر – مۇھەببىتىڭىز قۇچىقىدا پەپىلىنىپ چوڭ بولدۇم. سىز ماڭا ئاق – قارىنى، ياخشى – ياماننى ئۆگەتتىڭىز. سىز بولغاچقا ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك بالا دەپ ھېسابلايمەن.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر