ۋارىسجان ئاتاخان
قوغۇشلۇق — تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان ھاۋاسى ساپ، سۈيى ئەلۋەك، تۆت ئەتراپى ئېگىز تاغلار بىلەن قورشالغان يېزا. تاشقورغان دەرياسى بۇ يېزىنى ئوتتۇرىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. بۇ يېزىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپ، بىر – بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن بوستانلىقلاردا تالاي يىللارغا شاھىت بولغان 1000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە دەرەخلەر كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ.
1000 يىللىق تېرەك
قوغۇشلۇق يېزىسىنىڭ چىراقتار كەنتىگە ئىككى كېلومىتىر كېلىدىغان شوش دېگەن جايدا غولى ناھايىتى يوغان 1000يىللىق تېرەك بار، بۇ تېرەكنىڭ غول ئايلانمىسى 7.5مېتىر، ئېگىزلىكى 70 مېتىر ئەتراپىدا.
1000 يىللىق ئۆرۈك دەرىخى
1000يىللىق ئۆرۈك دەرىخى قوغۇشلۇق يېزىسىنىڭ ۋايانبون كەنتىنىڭ قوچقارچى دېگەن يېرىدە بولۇپ، 1200 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. بۇ ئۆرۈك دەرىخىنىڭ غول ئايلانمىسى تۆت مېتىر، ئېگىزلىكى 40 مېتىر ئەتراپىدا.
1000 يىللىق ئۈجمە دەرىخى
بۇ ئۈجمە دەرىخى قوغۇشلۇق يېزىسىنىڭ قەمەر يۈزى كەنتىنىڭ ئۇزۇن چىغلىق سايلىقىدا بولۇپ، 1300 يىللىق تارىخقا ئىگە. بۇ ئۈجمە دەرىخىنىڭ تۆۋەن غول ئايلانمىسى 4.2 مېتىر ئەتراپىدا، ئېگىزلىكى 35 مېتىر بولۇپ، ھازىرغىچە مېۋە بەرمەكتە.
1000 يىللىق ياڭاق دەرىخى
بۇ ياڭاق دەرىخى قوغۇشلۇق يېزىسىنىڭ قەمەر يۈزى كەنتىنىڭ ئاق توپا دېگەن يېرىدە بولۇپ، شاخلىرىنىڭ كۆپلۈكى، ھەيۋەتلىكى بىلەن مەشھۇر. ئۇ 1500يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. بۇ ياڭاقنىڭ غول ئايلانمىسى تۆت مېتىر، ئېگىزلىكى 50 مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ ياڭاق دەرىخى ھازىرغىچە مېۋە بەرمەكتە.