باش بەت | ئۆرپ – ئادەت

مەشرەپلىرىمىز

 

      مەشرەپلىرىمىز مىللىتىمىزنىڭ خاراكتېرىنى ئەڭ مەركەزلىك ئىپادىلەيدىغان، ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىشنىڭ مۇھىم ئاچقۇچلىرىدىن بېرى بولغان ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك، كۆپ خىل ئىجتىمائىي ئىقتىدارغا ئىگە فولكلورىستىك مەدەنىيەت شەكلى. ئۇستاز تەتقىقاتچىلىرىمىزدىن ئابدۇشۈكۈر تۇردى، ئابدۇكېرىم رەھمان قاتارلىقلار مەشرەپلىرىمىزنىڭ تارىخىي مەنبەلىرى، ئىچكى قۇرۇلمىسى، ئاساسىي ئالاھىدىلىكى ۋە كۆپ خىل ئىقتىدارى توغرىسىدا ئۆز ماقالىلىرىدە ئەتراپلىق توختالغان. ھازىرقى مۇھىم ۋەزىپىمىز ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنى قانداق قىلىپ ئۈنۈملۈك قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشتۇر. مېنىڭچە، بۇ ھەقتە مۇنداق تۆت مەسىلىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ:

      بىرىنچى، ئەسلىگە سادىق بولۇش مەسىلىسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سۈنئىيلىكتىن، بۇلغىنىشتىن خالىي، ساپ، تەبىئىي نەرسىلەرنى ‹‹يېشىل›› سۆزى بىلەن سۈپەتلەۋاتىمىز. مەسىلەن، ‹‹يېشىل يېمەكلىك››، ‹‹يېشىل مەھسۇلات›› دېگەندەك. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن مەشرەپلىرىمىزنىڭ ئەسلىي ھالىتىنى ‹‹يېشىل سەنئەت›› دەپ ئاتىساق مۇۋاپىق بولار. بۈگۈنكى دۇنيادا ئەنە شۇنداق ››يېشىل‹‹لىق تەشەببۇس قىلىنىدۇ، ئەتىۋارلىنىدۇ. ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكى تەتقىقاتلاردا مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنىڭ ئەسلىي ھالىتىگە، مەۋجۇتلۇق مۇھىتى ۋە بوشلۇقىغا، بۇ ھەقتىكى بىرىنچى قول ماتېرىياللارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. مەشرەپلىرىمىزنىڭ ئۆزگىچىلىكى، سېھرىي كۈچى ھەمدە قىممىتىمۇ ئۇنىڭ ئەسلىي ھالىتى، يەنى ئۇنىڭ ‹‹يېشىل››لىقىدا گەۋدىلىنىدۇ.

      كىتابلاردىن ياكى سەھنە–ئېكرانلاردىن كۆرگەنلىرىمىز ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ ئەسلىي ھالىتى ئەمەس. ئۇ مەشرەپنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى ياكى تەقلىد قىلىنىشى. مەشرەپلەرنىڭ ئەسلىي ھالىتى ئۇنىڭ بارلىق ئامىللىرىنىڭ ئۆز مۇھىتىدا تەبىئىي ئورۇندىلىشىغا قارىتىلغان. مەشرەپلەرنىڭ بارلىق سەنئەت تەركىبلىرى، ئويۇن تەرتىپلىرى، ئادەت–يوسۇنلىرى قانچىكى قەدىمىي، مىللىي، مەھەللىۋى ۋە تەبىئىي بولسا، ئەسلىگە شۇنچە ساپ بولغان بولىدۇ. ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ يازغۇچىلار تەرىپىدىن سېنارىيەلەشتۈرۈلگەن، ئارتىسلار تەرىپىدىن سەھنىلەشتۈرۈلگەن، تېخنىكلار تەرىپىدىن ئېكرانلاشتۇرۇلغانلىرىنى ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ ئەسلى دېيەلمەيمىز. ئۇنى پەقەت مەشرەپلىرىمىزنىڭ ئۆزگەرتىلمىسى، ئىجادىي بېيىتىلمىسى ۋە ياكى ھازىرقى راۋاجى دېيەلىشىمىز مۇمكىن. ئەپسۇس، مەشرەپلىرىمىزنىڭ ئەسلىي ھالىتىنى بۈگۈنكى كۈندە ئانچە كۆرەلمەيۋاتىمىز. ئەنئەنىۋى ياشاش ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش شەكلىدىن پۈتۈنلەي ياتلاشمىغان چەت يېزا – قىشلاقلاردا، بىر قىسىم تاغلىق رايونلاردا مەشرەپلىرىمىزنىڭ نىسبەتەن قەدىمىي ۋە ئەسلىي ھالىتى ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ (مەسىلەن، دولان مەشرىپى، قۇمۇل كۆك مەشرىپى، خوتەن تاغ مەشرەپلىرى دېگەندەك)، ئۇلارمۇ بۈگۈنكى كۈندە ئۆز تەبىئىيلىكىنى مەلۇم دەرىجىدە يوقاتماقتا. شۇڭا ئەسلىنى ساقلاشقا ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىش زۆرۈر.

      ئىككىنچى، مەشرەپ سەنئەتكارلىرى مەسىلىسى. مەشرەپلىرىمىزنىڭ پەيدا بولۇشى، ھاياتىي كۈچى خەلقىمىزنىڭ يۇمۇرغا باي، چاقچاققا ھېرىسمەن، سەنئەتخۇمار خاراكتېرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى ئاساسىي ئامىل يەنىلا مەشرەپ سەنئەتكارلىرىدىن ئىبارەت. مەشرەپ سەنئەتكارلىرى مەشرەپتە يېتىلگەن، مەشرەپ سورۇنى ئارقىلىق ئۆز ماھارىتىنى يۈكسەلدۈرگەنلەر بولۇپ، ئۇلار مەشرەپنى ۋاسىتە، سەھنە قىلىپ مۇقام – كۈيلىرىمىزنى، ناخشا – ئۇسسۇللىرىمىزنى، بېيىت – قوشاقلىرىمىزنى، ھەزىل – چاقچاقلىرىمىزنى، لەتىپە – يۇمۇرلىرىمىزنى بېيىتقان تۆھپىكارلاردۇر. بىزدە خەلق سەنئەتكارلىرىغا سەل قاراش خاھىشى مەۋجۇت. شۇڭا داڭلىق مەشرەپ سەنئەتكارلىرى مەتبۇئاتلاردا تونۇشتۇرۇلۇشى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارمۇ يۇرتلاردىكى مەشرەپ سەنئەتكارلىرىنى بايقاپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ماھارىتىنى جارى قىلدۇرۇشىغا، شاگىرت تەربىيەلىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

      ئۈچىنچى، مەشرەپ تەتقىقاتى مەسىلىسى. مەشرەپلىرىمىز جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، زامانىۋى كۆڭۈل ئېچىش شەكىللىرىنىڭ ئومۇملىشىشى، كىشىلەرنىڭ ئېستېتىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش يوللىرىنىڭ كۆپ خىللىشىشى، خىزمەت بېسىمىنىڭ كۈچىيىپ، تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇق مۇھىتىدىن مەھرۇم قالماقتا. ھازىر دۆلەتنىڭ مىللىي مەدەنىيەتنى قۇتقۇزۇش، ئىلغار مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش جەھەتتىكى غەمخورلۇقى ۋە ئەمەلىي ياردەملىرى بىلەن مەشرەپلىرىمىزنىڭ يېڭى باھارى يارىتىلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ ساھەدە قىلىدىغان ئىشلار يەنىلا كۆپ. يەنى مەشرەپلىرىمىزنىڭ ئەسلىي ھالىتىنى ساقلاش، ساپلاشتۇرۇش، ئەل ئىچىدىكى مەشرەپ سەنئەتكارلىرىنى بايقاش، يېتىشتۇرۇش، مەشرەپلەرنىڭ كۆپ خىل ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىش قاتارلىقلاردىن باشقا، مەشرەپ تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇشمۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى يەنە بىر مۇھىم خىزمەت.

      مەشرەپلىرىمىز كۆپ خىل مەدەنىيەت ئامىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇنىۋېرسال ئىجتىمائىي ھادىسە بولغاچقا، كۆپ تەرەپلىمە تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە. ئۇنىڭدا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائىي چۈشەنچە–ئېتىقادلىرى، جەمئىيەت ۋە قانۇنچىلىق ئىدىيەسى، ئىلىم – پەن ۋە تەلىم – تەربىيە ئېڭى، ئەخلاق ۋە ئادىمىيەت مىزانلىرى؛ كىيىم – كېچەك، يېمەك–ئىچمەك، ئولتۇراقلىشىش، ئائىلە، نىكاھ، ھۈنەر – كەسىپ، مۇراسىم، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق مول فولكلور بايلىقى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. مانا بۇلار ئۇيغۇر مەنىۋىيىتىنى قۇرۇپ چىققان، ئۇنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئۇلاپ كەلگەن نېگىزلىك ئامىللار بولۇپ، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا بىزنى يىپ ئۇچى ۋە پاكىتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتلار باشقا ساھەلەردىكى تەتقىقاتلارنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، تولۇقلايدۇ. مەشرەپلىرىمىزنىڭ تەسىرىنى، شۆھرىتىنى كېڭەيتىدۇ، ئاشۇرىدۇ. ئۇيغۇرلارنى تەشۋىق قىلىش، تونۇتۇش، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىشنى، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىمۇ تېگىشلىك رول ئوينايدۇ.

      تۆتىنچى، ھازىر ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش مەسىلىسى. ھەرقانداق بىر ئاغزاكى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ مۇئەييەن ئەمەلىي ئىشلىتىش قىممىتى بولىدۇ. ئۇنى قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىشتىكى مەقسەتمۇ ئاخىرقى ھېسابتا ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئۈچۈندۇر. مەشرەپلىرىمىز خەلقىمىزنىڭ سەنئەت بايلىقى، روھىيەت ئوزۇقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەمەلىي پايدىلىنىش قىممىتى زور بولغان بىر خەزىنە. بىز مەشرەپلەردىن پايدىلىنىپ خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى جانلاندۇرۇش، يۇرتىمىزنى تەشۋىق قىلىش، ساياھەتچىلىكنى گۈللەندۈرۈپ ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىش، نادىر سەنئەت ئەسەرلىرىنى يارىتىپ خەلققە تەقدىم قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە بەلگىلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتۇق. دولان مەشرىپىنىڭ دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى شان – شۆھرىتى مىللىتىمىزنى تونۇتۇش، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش جەھەتلەردە بەلگىلىك رول ئوينىدى. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹مەشرەپ›› پىروگراممىسى خەلقىمىزنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ، كۆرۈنەرلىك ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. بۇ جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىزدىنىشلەر بىزگە مەشرەپلىرىمىزنى ھازىر ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتا كەڭرى ئىمكانىيەتلەرنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي رولىدىن تېخىمۇ كەڭ پايدىلىنىشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

      مەشرەپلىرىمىزدە ئەڭ ئاممىۋى، ئەڭ جانلىق، قىزىقارلىق شەكىللەر بىلەن ئىلىم – ھېكمەت، ئەخلاق – مەرىپەت، ھۈنەر – سەنئەت، ھەق – ئادالەت تەشەببۇس قىلىنىدۇ؛ نادانلىق، ئەخلاقسىزلىق، ئىناقسىزلىق، ئاچكۆزلۈك تەنقىد قىلىنىدۇ. ھەتتا بالىلارمۇ مەشرەپ ئويۇنلىرى ئىچىدە ئاشۇ ئېسىل ئىنسانىي خىسلەتلەرنى ۋۇجۇدىغا ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىنسانلىققا يات ناچار ئىللەتلەردىن يىراق تۇرۇشنى ئۆگىنىۋالىدۇ. شۇڭا ‹‹بىلىم ئالاي دېسەڭ مەكتەپكە بار، ئادەم بولاي دېسەڭ مەشرەپكە بار›› دېگەن سۆز بىكار ئېيتىلمىغان. دېمەك، ياخشى خىسلەتلەرنى تەرغىب قىلىش، ناچار ئىللەتلەرنى تەنقىد قىلىش ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ ئاساسىي روھىدۇر.

 

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر