باش بەت | مەشھۇر شەخسلەر

دۇنياغا مەشھۇر ئالىملارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

 
      نيوتون - ئۇلۇغ ئالىم، كلاسسىك فىزىكا ئىلمى سىستېمىسىنىڭ قۇرغۇچىسى. دەل ياۋروپانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋاقىتتا تۇغۇلغان.

 

       گالىلى - ئىتالىيەنىڭ ئۇلۇغ فىزىكا ۋە ئاسترونومىيە ئالىمى. پەن - تېخنىكا ئىنقىلابىنىڭ يېتەكچىسى. تارىختا تۇنجى بولۇپ پەن - تېخنىكىلىق تەجرىبە ئاساسىدا ماتېماتىكا، فىزىكا ۋە ئاسترونومىيە بىلىملىرىنى ئەتراپلىق ئىگىلەپ، ئىنسانلارنىڭ جىسىم ھەرىكىتى ۋە ئالەمگە بولغان تونۇشىنى كېڭەيتكەن،چوڭقۇرلاشتۇرغان. گالىلى پۈتۈن ھاياتىنى كوپېرنىكنىڭ قۇياش مەركەز تەلىماتىنى ئىسپاتلاش ۋە تارقىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىش نەتىجىسىدە، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا دىنىي جەمئىيەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، ئۆمۈرلۈك قاماققا ئېلىنغان. ئۇ سىستېمىلىق تەجرىبە ۋە كۆزىتىش ئارقىلىق ئارىستوتىلنىڭ ئاساسسىزلا ئويلاپ چىقارغان تەبىئەت كۆز قارىشىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، تەجرىبىنى ئاساس قىلغان لوگىكىلىق ۋە سىستېمىلىق يېقىنقى زامان پەن - تېخنىكىسىنىڭ سەھىپىسىنى ئاچقان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ‹‹يېقىنقى زامان پەن - تېخنىكىسى ئاتىسى›› دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ نيۇتۇننىڭ نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ تۈزۈلىشىگە ئاساس سېلىپ بەرگەن.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: ئاينۇر