باش بەت | ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر

ئوقۇتقۇچىسىز دەرس ئۆتەلەيدىغان ئېلېكترونلۇق دوسكا

      ئېلېكتىرونلۇق دوسكىنىڭ كۆرۈنۈشى ئادەتتىكى دوسكىغا ئوخشايدۇ، بىراق ئۇ پەۋقۇلئاددە بېسىم سەزگۈچ ماتېرىياللاردىن ياسىلىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئېلېكتىرونلۇق دوسكىغا بوردا ئوقۇتۇش مەزمۇنلىرىنى يازغاندا، دوسكا دەرسخانىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئۇنى نامايان قىلىپ بېرىش بىلەن بىللە، بورنىڭ ئىزىنى ئېلېكتر سىگنالىغا ئايلاندۇرىدۇ، ئاندىن تېلېفون سىمى ئارقىلىق سىرتقا يوللاپ بېرىدۇ. شۇڭا، كىشىلەر ئۇنى ‹‹بېسىم سەزگۈچ ئېلېكتىرونلۇق دوسكا›› دەپ ئاتىشىدۇ.

      بىر ئوقوتقۇچى ئېلېكتىرونلۇق دوسكىدىن پايدىلىنىپ، بىرلا ۋاقىتتا بىرنەچچە سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىغا دەرس سۆزلىيەلەيدۇ، ھەتتا باشقا مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇ ئوقۇتقۇچى سۆزلىگەن دەرسنى ئاڭلىيالايدۇ. ئېلېكتىرونلۇق دوسكا دەرس سۆزلىگۈچى ئوقۇتقۇچىنىڭ دوسكىغا يازغان خەتلىرىنى سۈرەت قوبۇللاش، تارقىتىش ئاپپاراتى ئارقىلىق رەقەملەر بەلگىلىرىگە ئايلاندۇرۇپ، باشقا سىنىپ ياكى باشقا مەكتەپلەرنىڭ تېلېۋىزور ئېكرانىدا ئايان قىلىپ بېرىدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاۋازى ئاپپارات ئىچىدىكى مىكروفون ئارقىلىق تېلېفوندىن پايدىلىنىپ يەتكۈزۈلىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر