باش بەت | يېزىقچىلىق يېتەكچىسى

ئادەمنى يېزىش ماھارىتى

      2 – سۆز ۋە ھەرىكەتنى يېزىش ماھارىتى

      شەخسلەرنىڭ سۆز ۋە ھەرىكەتلىرى بايان خاراكتېرلىك ماقالىلەرنىڭ ئاساسىي قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. چۈنكى، ئادەملەرنى تونۇشتۇرۇش ئاساسلىقى ئۇلارنىڭ گەپ – سۆزلىرى ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرىنى يېزىش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. سۆز – ھەرىكەت ۋە نەتىجىلەرنى يازماي تۇرۇپ ئادەمنى تولۇق تونۇشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ.

      ئادەملەر گەپ – سۆز قىلىش بىلەن بىللە، يەنە تۈرلۈك ھەرىكەتلەرنىمۇ قىلىپ تۇرىدۇ. ئومۇمەن گەپ – سۆز بىلەن ھەرىكەت بىر – بىرىگە چەمبەرچاس باغلانغان بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقا ئادەمنىڭ گەپ – سۆزلىرى بىلەن ھەرىكەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ يېزىش ماقالىنىڭ تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە ماس، تەبىئىي چىقىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

      ماقالە – ئەسەرلەردىكى شەخسلەرنى گەپ – سۆزلىرى ئادەتتە دىيالوگ ۋە مونولوگ دەپ ئاتىلىدۇ. دىيالوگ ئۆزئارا مۇڭدىشىش ۋە بىر – بىرى بىلەن گەپلىشىشنى كۆرسەتسە، مونولوگ بولسا ئۆز – ئۆزىگە سۆزلەش، ئۆزى بىلەن ئۆزى مۇڭدىشىشنى كۆرسىتىدۇ.

      ئادەملەر كۆپ ھاللاردا ئۆز خاراكتېرىنى ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ سۆز – ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئاشكارىلايدىغان بولغاچقا سۆز – ھەرىكەتلىرىنى يېزىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خاراكتېرى ۋە روھىي قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، مۇنىرە نىجاتنىڭ ‹‹ياخشى شەخسلەر›› ناملىق مەشىق ماقالىسىدە سۆز – ھەرىكەت مۇنداق يېزىلغان:

      يەكشەنبە سەھەر، سىرتتا قاتتىق بوران چىقىۋاتاتتى، ئالىمجان بوراننىڭ گۈكىرىگەن ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كەتتى. ئۇ قانداقتۇر بىر ئىش ئېسىگە كەلگەندەك بولۇپ، تېزلا ئورنىدىن تۇردى – دە، چاپىنىنى يېپىنچاقلاپلا سىرتقا ماڭدى.

      — بالام نەگە بارىسەن؟ — دەپ سورىدى ئانىسى ھەيران بولغان ھالدا.

      — مەكتەپكە.

      — نېمە؟! بۈگۈن دەم ئېلىش تۇرسا مەكتەپتە نېمە قىلىسەن؟

      — سىنىپ دېرىزىلىرى مەھكەم ئېتىلگەنمۇ يوق قاراپ بېقىپ كېلەي.

      — بالام چاي ئىچىپ...

      — بولدى، بىردەمدىلا كېلىمەن.

      ئانىسى قايتا ئېغىز ئېچىپ بولغۇچە ئۇ كۆزدىن غايىب بولدى. شامال ھەقىقەتەن سىنىپنىڭ ئارقا دېرىزىسىنى ئېچىۋەتكەنىدى. ئالىمجان دېرىزە ئالدىغا كەلدى – دە، پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ تۇرۇپ، ئوڭ قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېرىزىنى ياپتى. ئۇ قولىنى ئەمدى بوشىتىۋېتىدى، قاتتىق ئۇرۇلغان شامال دېرىزىنى يەنە ئېچىۋەتتى. ئالىمجانمۇ ئىككى، ئۈچ قەدەم ئارقىدا داجىپ كەتتى ئۇ شۇ ھامان ئورۇندۇق ئېلىپ كېلىپ ئۈستىگە چىقتى – دە، دېرىزىنى مەھكەم يېپىپ ئىلغۇچنى ئىلدى.

      مانا بۇ سۆز – ھەرىكەت تەسۋىرى ئارقىلىق ساۋاقداش ئالىمجاننىڭ كوللېكتپقا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئومۇمنىڭ مال – مۈلكىنى ئاسرايدىغان ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلىتى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلگەن.

      سۆز – ھەرىكەتلەرنى يازغاندا ئۇنىڭ شەخسنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان بولۇشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشمىز لازىم. گەرچە بىز ماقالىمىزدا يازماقچى بولغان شەخسنىڭ نۇرغۇن گەپلىرى، ئىش – ھەرىكەتلىرى بولسىمۇ، بىز پەقەت ماقالىمىزدا ئىپادىلمەكچى بولغان ئىدىيە، خاراكتېر ۋە ئالاھىدىلىكلەرنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان تەرەپنىلا يېزىشىمىز لازىم. ئەكسىچە ھەممىنىلا يېزىش دائىرىسى ئىچىگە كىرگۈزۈۋالدۇق ماقالىمىز ھەم چۇۋالچاق ھەم مەزمۇنسىز بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

 

مەنبە: ماقالە يېزىش يېتەكچىسى تەھرىر: مېھراي