باش بەت | ئەنئەنىۋى ئويۇنلار

‹‹تامپاس›› ئويۇنى

      ‹‹تامپاس›› ئويۇنى ۋاسكېتبول ئويۇنىنىڭ دەسلەپكى شەكلى بولۇپ، پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش ۋە تاكامۇللىشىشتەك ئۇزاق جەرياننى بېسىپ ئۆتۈش ئارقىلىق شەكىللەنگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئويۇنغا يېتەرلىك توپ چوڭ ئادەمنىڭ قوش مۇشتۇمىچىلىك بولىدۇ، ‹‹گار›› ـــ تىك ھالاتتە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككى پارچە ئاق تاختا ياكى ئاقارتىلغان تام قاتارلىقلارمۇ بۇ ئويۇننىڭ ھەم قەدىمىيلىكىگە، ھەم خاسلىقىغا گۇۋاھ بولالايدۇ. بۇ ئويۇن ئەڭ دەسلەپ ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ بۆشۈكى ـــ ئۈستۈن ئاتۇش ئىكىساق كەنىتىدە پەيدا بولۇپ، ئاتۇشتا تارقىلىپ بۈگۈنگە قەدەر ئومۇملىشىپ ساقلانغان.

      ‹‹تامپاس›› ئويۇنى كەچكۈز ۋە قىش پەسىللىرىدە تەكشى مەيدانلاردا ئوغۇللار ئوينايدۇ. ئويۇنغا قاتنىشىدىغان بالىلار ئىككى ‹‹ئانا››نىڭ رەمبۇت ئېلىشى ئارقىلىق ئىككى تەرەپكە بۆلۈنىدۇ. ھەر تەرەپكە بەشتىن جەمئىي 10 بالا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىككى تەرەپتىن بىردىن ئىككى بالا ئويۇن باشقۇرغۇچىلىققا قويۇلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 20 ــ 25 مېتىر، كەڭلىكى 10 ــ 12 مېتىر بولغان بىر تۈز مەيداننىڭ ئىككى تەرىپىدە ئاقارتىلغان ئىككى توغرا تام ياكى مەخسۇس ياسىتىلىپ ئاقارتىلغان تاختا بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ تام ياكى تاختىلارنىڭ ئۆزئارا قارىشىپ تۇرغان يۈزىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىن 1.5 مېتىر ئېگىزلىكتىكى جايىغا قارا سىياھ بىلەن رادىئۇسى 30 سانتىمېتىرلىق بىر چەمبەر، بۇ چەمبەرنىڭ ئىچىگە رادىئۇسى 10 سانتىمېتىر بولغان يەنە بىر كىچىك چەمبەر سىزىلىدۇ. ئويۇنغا قاتناشقۇچىلار بىر يەرگە يىغىلغاندىن كېيىن ئىككىگە بۆلۈنۈپ، ئويۇن باشلاش ھوقۇقىنى تالىشىدۇ، يەنە ‹‹ئانا›› بولغۇچىلار داچەن ياكى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر نەرسىنى ئاسمانغا ئاتىدۇ. بۇ خىل تەلەي سىناش ئارقىلىق قايسى تەرەپ ئالدى بىلەن ئويۇن باشلاش ھوقۇقىغا ئىگە بولالىسا، شۇ تەرەپ توپنى ئۆزئارا پاسلىشىپ يەرگە چۈشۈرمەسلىك شەرتى بىلەن قارشى تەرەپ تېمىغا سىزىلغان چوڭ چەمبەرگە تەگكۈزسە بىر نومۇرغا، كىچىك چەمبەرگە تەگكۈزسە ئىككى نومۇرغا ئېرىشىدۇ. ئەگەر ئېتىلغان توپنىڭ ئاز قىسمى چەمبەر سىزىقىنى باسسا يېرىم نومۇرغا ئېرىشىدۇ. توپنى چەمبەرنىڭ ئىچىگە تەگكۈزگەن تەرەپ توپ باشلاش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇۋېرىدۇ، توپنى باشلىغان تەرەپ توپنى چەمبەرگە ئېتىش جەريانىدا سىزىق سىرتىغا چىقىرىۋەتسە، توپ باشلاش ھوقۇقى قارشى تەرەپكە ئۆتىدۇ.

      ئەگەر توپ باشلىغان تەرەپ ئۆزئارا پاسلىشىش جەريانىدا، توپ قارشى تەرەپ ئەزالىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسا، توپنى تارتىۋالغۇچىلار شۇ يەردىلا ئۆزئارا پاسلىشىپ قارشى تەرەپنىڭ چەمبىرىگە ئېتىۋەرسە بولىدۇ. ئاخىرىدا قايسى تەرەپ ئېرىشكەن نومۇر ئويۇن باشلاشتىن ئاۋۋال بېكىتىلگەن نومۇرغا بۇرۇن يەتسە، شۇ تەرەپ يەڭگەن بولىدۇ.

      ئويۇن جەريانىدا ئوينىغۇچىلارنىڭ بىر ــ بىرىنى تۇتۇۋېلىشى، پۇتلاپ يىقىتىۋېتىشى، بىر ــ بىرىنىڭ قولىدىن توپنى تارتىۋېلىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ. ئۈچ قېتىم قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار مەيداندىن چىقىرىۋېتىلىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئادەم تولۇقلانمايدۇ.

      ‹‹تامپاس›› ئويۇنى بالىلارنىڭ يۈگۈرۈش تېزلىكىنى بارا ــ بارا ئاشۇرىدۇ، پۇت ـ قول، كۆز قاتارلىق ئەزالىرىنى چېنىقتۇرۇپ ساغلاملاشتۇرىدۇ، ئىرادىسىنى تاۋلاپ غەلىبىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ، بالىلارنى ھوشيار، چەبدەس قىلىپ يېتىلدۈرىدۇ.

   

مەنبە: ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى تەھرىر: مېھراي