باش بەت | ئائىلە تەربىيەسى

بالىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى قانداق ئېچىش كېرەك

       ھازىر بارلىق دۆلەتلەردە بالىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش دولقۇنى ئەۋج ئالماقتا. ئامېرىكىدا بوۋاقلارنى تەربىيەلەش بۆلۈمى ۋە گۆدەكلەرنى تەربىيەلەش بۆلۈمىلىرى ئارقا – ئارقىدىن قۇرۇلماقتا. نېمە ئۈچۈن بالىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش خىزمىتى بۇنچە جانلىنىپ كېتىدۇ؟ چۈنكى، بالىلارنىڭ ئەقلىي قۇۋۋىتى تەربىيە بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىلىملىك ياكى نادان چوڭ بولۇشى بىۋاسىتە تەربىيەگە چېتىلىدۇ. چوڭ مېڭە فىزىئولوگىيە ئالىملىرىنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ غىدىقلىنىشى ئەمەلىيەتتە بالىلارنىڭ مېڭىسىنىڭ سىغىمچانلىقىنى ئاشۇرىدىكەن ھەمدە ئۇنىڭ رولىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. چېكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى 50 يىل ئىچىدە 1000 نەپەر بالا ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلىغان. ئۇ يەنە ئائىلە مۇھىتىنىڭ ياخشى ياكى ناچارلىقى بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. ئائىلىدە ئىللىقلىق ھېس قىلغان، دائىم ئاتا – ئانىسىنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەن بالىلارنىڭ ئەقلىي قۇۋۋەت كوئېففىتسېنتى (QI) بالىغا ئىللىقلىق بېرەلمەيدىغان، بالىلارنىڭ ئىلھاملاندۇرمايدىغان ئائىلىدە چوڭ بولغان بالىلارنىڭكىدىن سەككىز ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن. چېكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر 0 — 6 ياشقىچە بولغان بالىلار ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ غىدىقلىنىشىغا ئۇچرىمىسا، ئەقلىي ئىقتىدارى تولۇق يېتىلمەيدىغان، مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىنمۇ تولۇقلىغىلى بولمايدىكەن.

      دېمەك، بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارى چوڭلار ئويلىغاندىكىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. بۇرۇن كىشىلەر بالا ئالتە ياشقا توشقاندىن كېيىن ئاندىن خەت تونۇسا مۇۋاپىق دەپ قارايتتى. بۇ خىل قاراشنىڭ خاتا ئىكەنلىكى ھازىر ئەمەلىيەت تەرىپىدىن ئىسپاتلاندى. بوستوندىكى مەلۇم بىر دوختۇرخانىنىڭ دوتسېنتنىڭ كۆرسىتىشىچە، بالىلار بىر ياشقا توشقاندىن كېيىن، كۆزىنىڭ يېتىلىشىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا كىتاب ئوقۇشقا پۈتۈنلەي ماس كېلىدىكەن. بۇنىڭدا ئەلۋەتتە بالىنىڭ كۆزى نورمال كۆرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى ئالدىنقى شەرت قىلىنىدۇ. ئادەم بەدىنى ئۈچۈن ئېيتقاندا، كۆزنىڭ نورمال كۆرۈشى ئىنتايىن مۇھىم. بۇ شەرتكە مۇۋاپىق كېلىدىغان بالىلارغا چوقۇم بىر ياشتىن بۇرۇن خەت تونۇتۇش لازىم. بالىلارغا قانچە بالدۇر خەت تونۇتسا، ئۇنىڭ ئۈنۈمى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ قولىغا ئويۇنچۇق ياكى رەسىملىك كىتاب تۇتقۇزۇپ قويغاندا، بوۋاقلار تەبىئىي ھالدا كۆز بىلەن 30 سانتىمېتىر يىراقلىقتا تۇتۇپ كۆرىدىكەن. مانا بۇ بوۋاقلاردا يېڭىلىققا ئىنتىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈكلۈكىنى چۈشەندۇرىدۇ. شۇڭا، بوۋاقلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتە ئۇلارنى غىدىقلىنىشقا ئۇچرىتىشىمىز لازىم.

 

مەنبە: بالىلار ساغلاملىق دەستۇرىدىن ئېلىندى تەھرىر: قەلبىنۇر