ئابدۇقېيۇم ئابدۇرېھىم
ماركىسنىڭ ئىسمى 1899 – يىلى 4 – ئايدا ئەدەبىيات ئىلمىي جەمئىيىتى باشقۇرۇشىدىكى ‹‹دۆلەتلەر ئاخباراتى›› ئايلىق ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ‹‹ئۇلۇغ ساۋاقداش›› ناملىق ماقالىدە تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان.
لى داجاۋ 1918 – يىلى 7 – ئايدىن باشلاپ ‹‹گېرمانىيە بىلەن رۇسىيە ئىنقىلابىنىڭ سېلىشتۇرمىسى››، ‹‹مېنىڭ ماركىسزىملىق قارىشىم›› قاتارلىق ماقالىلەرنى يېزىپ، تۇنجى بولۇپ رۇسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنى تەشۋىق قىلغان ۋە ماركىسزىمنى تارقاتقان.
تۇنجى كوممۇنىزىم گۇرۇپپىسى – شاڭخەي كوممۇنىزىم گۇرۇپپىسى 1920 – يىلى 8 – ئايدا قۇرۇلغان.
1915 – يىلى نەشىر قىلىنغان پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ تۇنجى نەزەرىيە ئەپكارى — ‹‹يېڭى ياشلار›› گېزىتى پارتىيە 11 – قۇرۇلتىيىدا پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئاشكارا تارقىتىلىدىغان ئورگان گېزىتى قىلىپ بېكىتىلگەن.
1920 – يىلى 9 – ئاينىڭ 16 – كۈنى سەي خېسىننىڭ ماۋزېدۇڭغا يازغان خېتىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نامى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
1943 – يىلى 7 – ئاينىڭ 8 – كۈنى ۋاڭ جياشىياڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 22 يىللىقىنى خاتىرىلەپ يازغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو مىللىي ئازادلىق يولى» ناملىق ماقالىسىدە «ماۋزىدۇڭ ئىدىيەسى» ئۇقۇمى تۇنجى قېتىم ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
1927 – يىلى 10 – ئايدا ماۋزىدۇڭ قاتارلىقلار تۇنجى دېھقانلار ئىنقىلابى بازىسى — جىڭگاڭشەننى قۇرغان.
(يوپۇرغا ناھىيەسى تېرىم يېزىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە)