باش بەت | پەن – تېخنىكا يېڭىلىقلىرى

ۋېلىسىپىت مىنمىسە قويۇلمايدىغان تېلېۋىزور

 

      نۇرغۇن ئادەم سافادا يېتىپ تۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىراق پۈتۈن كۈن سافادا ياتقاندا ئادەم سەمىرىپ كېتىپلا قالماي، بەلكى تەن ساغلاملىقىغىمۇ زىيان يېتىدۇ. يېقىندا ئەنگلىيەدىكى بىر مېھمانخانىغا بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلەن تېلېۋىزور كۆرگەچ ئارام ئېلىش بىرلەشتۈرۈلگەن تېلېۋىزورنى ئورناتقان. بۇ تېلېۋىزورنى كۆرمەكچى بولغاندا، چوقۇم ۋېلىسىپىت مىنىپ توك چىقىرىش كېرەك ئىكەن، بولمىسا تېلېۋىزورنى ئاچقىلى بولمايدىكەن. بۇ تېلېۋىزورنىڭ توك مەنبەسى ۋېلىسىپىت مىنىشتىن شەكىللەنگەن ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىدىن كېلىدىكەن. ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يىغىلغاندىن كېيىن بىر ئالاھىدە ئۈسكۈنە ئۇنى توكقا ئايلاندۇرغاندىن كېيىن، توك چىقىرىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىكەن.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مەۋلان