باش بەت | مەشھۇر شەخسلەر

زونۇن قادىر

     

 

     زونۇن قادىر 1911 – يىلى تارغاباتاي ۋىلايىتىنىڭ دۆربىلجىن ناھىيەسىدە كەمبەغەل ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ يەتتە يېشىدا دىنىي مەكتەپتە ئوقۇغان.1937 – يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئىككى يىل ئوتتۇرا مەكتەپتە، ئاندىن يېزا ئىگىلىك تېخنىكومدا ئوقۇپ، بىلىم ئۆزلەشتۈرگەن. ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ئۇيۇشمىسىغا قاتنىشىپ، يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئاكتىپ رول ئوينىغان. 1940 – يىلىدىن تارتىپ تىياتىر ئۆمىكىدە ئارتىس، ئىجادىيەتچى رېژىسسور، راتور، ئوقۇتقۇچى ۋە ئەدەبىيات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ھەربىي مۇخبىر ۋە كۈرەش ئىتتىپاق قاتارلىق گېزىت – ژۇرنالدا مۇھەررىر، باش مۇھەررىر بولغان. 1957 – يىلىدىن 1963 – يىلىغىچە ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولغان.

      زۇنۇن قادىر كىچىكىدىن تارتىپ خەلق داستانلىرى ۋە چۆچەكلىرىنى، مەددالارنىڭ قىسسە ۋە جەڭنامىلىرىنى بېرىلىپ ئاڭلايتتى. ئۇ ساۋاتى چىقىشى بىلەنلا ئەدەبىي ئەسەرلەرگە قىزىقىپ، ناۋائى، مەشرەپلەرنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇشقا كىرىشتى. كېيىنچە شاھنامە گۈلىستان قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەر بىلەن تونۇشتى. رۇس ئەدەبىياتى كىلاسسىكلىرىنىڭ ۋە ئۇلۇغ پورولېتارىيات يازغۇچسى گوركىنىڭ تاتار ۋە ئۆزبېك تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى، سەدىردىن ئەينى، ئۆمەر مۇھەممىدى ۋە نۇر ئىسرائىلنىڭ رومان، پوۋېست، ھېكايىلرىنى ئوقۇپ چىقتى. دېمەك، زۇنۇن قادىرنىڭ ئىجادىيىتى خەلق ئېغىز ئەدىبىياتى، ۋە كىلاسسىك ئەدىبىيات ئەنئەنىلىرى بىلەن ۋە باشقا مىللەت خەلقلىرىنىڭ ئىلغار ئەدىبىياتى تەسىرىدە شەكىللەندى.

      زۇنۇن قادىرى 1936 – يىلدىن باشلاپ ئىجادىيەتكە كىرىشكەن 50 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە يازغان چېنىقىش، غۇنچەم خاتىرىلەر مەسەل ۋە چوچەكلەر، زۇنۇن قادىر ئەسەرلىرى قاتارلىق كىتابلىرى جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. ئۇ جەمئىيەت ئۈچۈن مۇھىم بولغان بىر قاتار ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىرمۇنچە ياخشى ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشتىن سىرت، ماركىسزم گوركىينىڭ ئارخىپ بوۋا ۋە لىيونكا، سېۋىت تاتار يازغۇچىسى ئادىل كوتوينىڭ تاپشۇرلىمىغان خەتلەر، شىنجاڭ قازاق ئەدىبىياتنىڭ ئاساسچىلىرىدن بىرى بولغان تاڭجارىقىنىڭ گۇندىپاي قاتارلىق پوۋېست، داستان، ھېكايلىرىنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇردى. بىرمۇنچە چۆچەك، قوشاق، ماقال – تەمسىللەرنى توپلاپ ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ شۇ يىللار ئىچىدە ئېلان قىلىنغان، ئۆز دەۋەرنىڭ ئىلغار سىياسىي، ئېستېتىك قاراشلىرى سېڭدۈرۈلگەن ئەدىبىي ئوبزورلار جامائەتچىلىك ئىچىدە خېلى چوڭقۇر تەسىر قوزغىغانىدى.

      ئازادلىقتىن كېيىن زۇنۇن قادىرنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقى تېخىمۇ ئاشتى، ماركىسىزملىق سانئەت تەلىماتى بىلەن ئىنقىلابىي رېئالىزملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى يازغۇچىنى تېخىمۇ كەڭ ۋە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىجادىيەت زېمىنى بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئون يىلغا يەتمىگەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، سەزگۈزەشت خاراكتېرلىك بىر رومان( ئەپسۇسكى، بۇ رومان مەدەنىيەت ئىنىقىلابىنىڭ قالايمىقاچىلىقىدا يوقاپ كەتكەن) ئۈچ دىراما، بىر كىنو سېنارىيەسى ۋە ئونغا يېقىن ھېكايە يېزىپ، سوتسىيالىسىتىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ راۋاجلىنىشىنى كۆرۈنەرلىك ئىلگىرى سۈرگەن. زۇنۇن قادىرى ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە، ئەدەبىيات سېپىدىكى تالانت ئىگىلىرىنى بايقاش، تەربىيەلەشكە تولىمۇ كۆڭۈل بۆلگەن. ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى تېيىپجان ئېلىيۇۋ، ئاتاقلىق قازاق شائىرى قۇرمان ئەلىگە ئوخشاش تالانت ئىگىلىرىنىڭ بايقىلىشى، ئۆسۈپ يېتىلىشىدە يازغۇچى زۇنۇن قادىرنىڭ يېتەكلىشى ۋە ياردىمى مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئەقىل – پاراسىتىنى شىنجاڭنىڭ كۆپ مىللەتلىك ئەدەبىيات ئىشلىرىغا بېغىشلىغان.

      ئاتاقلىق ئۇيغۇر يازغۇچىسى، دىراماتورگ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان پىروزىسى ۋە دىراماتورگىيەسىنىڭ ئاساسچىلىردىن بىرى بولغان زۇنۇن قادىر 1989 – يىلى 9 – ئاينىڭ – 24 – كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن 77 يېشىدا ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش، شۇنداقلا شىنجاڭ ھەر مىللەت ئەدەبىياتى ئۈچۈنمۇ زور يوقىتىش. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتنىڭ قىممەتلىك بايلىقى بولۇش بىلەن بىللە، جۇڭخۇا مىللەتلىرى مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى پارلاق گۆھەر، شۇڭا، ئۇنىڭ نام – شەرىپى ئۆز ئەسەرلىرى بىلەن بىللە شىنجاڭنىڭ ھەر مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ تارىخ سەھىپىسىدە مەڭگۈ چاقناپ تۇرىدۇ.

 

 

مەنبە: باس – باس تورى تەھرىر: ئاينۇر