باش بەت | ئەترەت بىلىملىرى

خۇشال – خۇرام ئوتتۇرا ئەترەت قۇرۇش

      ئاكتىپ يۇقىرى ئۆرلەيدىغان خۇشال – خۇرام ئوتتۇرا ئەترەت قۇرۇشتا پىيونېرلارنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ۋە يېتەكچىسى بولغان ئوتتۇرا ئەترەت تەربىيەچىسى پىيونېرلارنى چۈشىنىشى، ياخشى كۆرۈشى، ئۇلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشى كېرەك.

      ئادەمنىڭ ھەرىكىتى مەقسەتلىك بولىدۇ، ئەمما مەقسەت ھەر خىل ئېھتىياج تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدۇ، تېخى قانائەت ھاسىل قىلمىغان ئېھتىياج ئادەمنىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئىلھاملاندۇرۇش ياكى چەكلەش رولىنى ئوينايدۇ. پىيونېرلارنى ئوتتۇرا ئەترەتتىكى ئىپادىسىگە ئاساسەن ئاكتىپ يۇقىرى ئۆرلەيدىغان مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى، ئېقىمغا ئەگىشىپ ماڭىدىغان ئوتتۇراھال ئوقۇغۇچى، ئالغا ئىنتىلمەيدىغان، ئۆز سەنىمىگە دەسسەيدىغان ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچى دەپ ئۈچ خىلغا ئايرىشقا بولىدۇ. پىيونېرلارنىڭ يېشى كىچىك، ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا بولغاچقا ئۇلارنى مۇقىم ھالدا مەلۇم بىر خىل تىپقا تەۋە دەپ قاراشقا بولمايدۇ. ياخشى تاشقى تەسىر ۋە ئۆزى تىرىشسىلا ياخشى تەرەپكە قاراپ ئۆزگىرىدۇ. شۇڭا، تەربىيەچىلەر پىيونېرلارنى چۈشىنىش ئاساسىدا ھەربىر پىيونېرغا تەربىيەلەش نەزەرى بىلەن قاراش كېرەك.

      ئوتتۇرا ئەترەت تەربىيەچىلىرى ھەر كۈنى دېگۈدەك پىيونېرلار بىلەن بىللە بولغاچقا پىيونېرلارنى دەل ۋاقتىدا يېتەكلەش ئەۋزەللىكىگە ئىگە. شۇڭا، ئاكتىپ يۇقىرى ئۆرلەيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيەچىلەر ئاكتىپ شارائىت يارىتىپ، دادىللىق بىلەن ئۇلارنى ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا، تېخىمۇ يۇقىرى نىشان ئۇچۈن ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەش؛ ۋاقىتلىق ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا تەربىيەچىلەر كۆڭۈل بۆلۈش، قوغداش، ياردەم بېرىش نۇقتىسىدىن قاراپ، كونكرېت ھەرىكەت بىلەن ئۇلارنىڭ قەلبىنى تەسىرلەندۈرۈپ، ئۆزىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ كەمچىلىكىنى تونۇشىغا ياردەم بېرىپ، خاتالىقىنى تۈزىتىشكە بولغان ئىشەنچىسىنى پەيدىنپەي ئاشۇرۇش؛ ئوتتۇرا ئەترەتتە كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيديغان ئوتتۇراھال ئوقۇغۇچىغا قارىتا تەربىيەچىلەر يېتەكلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۆزىدىن باشلاپ، ھەربىر ئىشقا ئەستايىدىل قاراپ، ئوقۇغۇچىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارغا تەربىيەچىلەرنىڭ ھەر ۋاقىت ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. تەربىيەچىلەرنىڭ شەخسىيەتسىز ياردىمى ۋە سەمىمىي ئالاقىسى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پىيونېرلارنىڭ تەشەببۇسكار يۇقىرى ئۆرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئوتتۇرا ئەترەت قۇرۇلۇشىنى كۆچەيتكىلى، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان خۇشال كوللېكتىپىنى پەيدىنپەي قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر