باش بەت | پىسخىكا

بالىلارنىڭ تورغا خۇمار بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك

      ھازىر كۆپلىگەن ئائىلىلەردە كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېت تورىنىڭ ئومۇملىشىشى بىلەن ئىنتېرنېت تورى بالىلارنى ئۆزىگە كۈچلۈك جەلپ قىلماقتا. لېكىن بالىلارنىڭ ئۆزىنى تېزگىنلەش ئىقتىدارى ئاجىز ۋە پىسخىكا جەھەتتىن تولۇق يېتىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئاسانلا ‹‹تور›› غا خۇمار بولۇپ نۇرغۇن ئائىلىۋى مەسىلە ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ پەيدا بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئاتا – ئانىلاردا بالىلارنىڭ تورغا چىقىشىغا قارىتا يېتەكلەش ۋە نازارەت قىلىش بولمىسا تورنىڭ سەلبىي تەسىرى بالىلارنى‹‹ زەھەر››لەپ، جىسمانىي، روھىي جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا ئاتا – ئانىلار ئائىلىدە بالىلارنىڭ تورغا چىقىشىغا دىققەت قىلىشى ۋە مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئۇلارنى‹‹ تور››غا خۇمار بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يەنى ئائىلىدە تورغا چىقىش جەھەتتە مۇقىم تۈزۈم ئورنىتىش لازىم. تورغا چىققاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تۈزۈم قىلىپ، بالىلارنى بۇنىڭغا رىئايە قىلىشقا ئۈندەش، يېتەكلەش كېرەك. ئائىلىدە تورغا چىقىش قائىدىسى تۈزۈش كېرەك. بالىلارنىڭ قانداق تور بېكەتلىرىنى زىيارەت قىلسا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى ۋە ساغلام تورغا چىقىشنىڭ قائىدىلىرىنى ئېنىق بېكىتىش كېرەك. بالىلارغا تورغا چىققاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەكلىكى، نېمىلەرنى قىلىشقا بولىدىغانلىقى، نېمىلەرنى قىلىشقا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مىسال بىلەن چۈشەنچە بېرىش كېرەك. بالىلارنىڭ تور چايخانىلىرىغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەش ياكى كىرىش ۋاقتىنى تىزگىنلەش ياكى نازارەت قىلىش، ھەمدە ئۇلارنى ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان چايخانىلارغا كىرىشكە يېتەكلەش كېرەك.

      كومپيۇتېرنى بالىلارنىڭ ھوجرىسىغا ئەمەس، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئىشلىتەلەيدىغان ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم. بۇنداق بولغاندا، ئۇلارنىڭ ئىنتېرنېتنى ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىشقا قولايلىق بولىدۇ. بالىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق يوللانمىلارنى قوبۇل قىلىشى ۋە ئەۋەتىشىنى نازارەت قىلىش كېرەك ھەمدە ئۇلارنىڭ توردا تونۇشقان دوستلىرىنى ئەستايىدىل سۈرۈشتۈرۈپ بېقىش كېرەك.

      قىسقىسى كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئائىلىدە بالىلارنىڭ تورغا چىقىش ئەھۋالىغا قارىتا يېتەكچىلىك ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتكەندە، بالىلارنى تورنىڭ سەلبى تەسىرى ۋە زەھىرىگە ئۇچراشتىن ساقلاپ بىخەتەر ھەم تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە تور مەدەنىيىتىدىن بەھرىمان بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ.

 

مەنبە: ئەلداۋا تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر