باش بەت | مەشھۇر شەخسلەر

مېتېئورولوگىيە ئالىمى جۇ كېجىن

      دۆلىتىمىزنىڭ يېقىنقى زامان مېتېئورولوگىيە ۋە جۇغراپىيە ئىلمىگە ئاساس سالغۇچىسى جۇ كېجىن جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋشىڭ دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىنلا كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان، تەرتىپلىك، ئىش قىلغاندا بىخەستىلىك قىلمايدىغان، تىرىشچان، ئەستايىدىل، چىداملىق بالا ئىدى.

      ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە جۇ كېجىن سىنىپ بويىچە دەرستە ئەڭ ئالدىدا ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ بويى ھەممىدىن پاكار، بەدىنىمۇ ھەممىدىن يېنىك ئىدى. ساۋاقداشلىرى دائىم ئۇنى مەسخىرە قىلاتتى. ئۇ مەسخىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بەدەن چېنىقتۇرۇش پىلانى تۈزۈپ، ‹‹سۆزى ئىشەنچلىك، ھەرىكىتى كەسكىن بولۇش›› دېگەن ھېكمەتلىك سۆزنى ھۇجرا ئۆيىگە چاپلاپ قويدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ يۈگۈرۈش، گىمناستىكا ئويناش ۋە قىلىچ ئوينىتىش مەشىقلىرىنى ئىشلىدى. ھەتتا يامغۇر ياغقان كۈنلەردىمۇ توختىتىپ قويمىدى. توختىماي بەدەن چېنىقتۇرۇش نەتىجىسىدە جۇ كېجىننىڭ بەدەن ساپاسى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. كېيىن جۇ كېجىن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن ئارزۇسى بويىچە مېتېئورولوگىيە ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلاشنى تاللىدى.

      1921 – يىلى جۇ كېجىن نەنجىڭ دۇڭنەن ئۇنۋېرسىتېتى قورۇسنىڭ شەرقىي جەنۇب بۇلۇڭىغا كىچىك ھاۋا رايى پونكىتى قۇردى. بۇ ناھايىتى ئاددىي ۋە كۆرۈمسىز بولسىمۇ جۇڭگولۇقلار قۇرغان تۇنجى ھاۋا رايى پونكىتى ئىدى. كېيىن ئۇ سەككىز – توققۇز يىل سەرپ قىلىپ، تەرەپ – تەرەپكە چېپىپ يۈرۈپ مىڭ بىر جاپا – مۇشەققەتتە ھەرقايسى ئۆلكىلەردە 40 تىن ئارتۇق ھاۋا رايى پونكىتى، 100دىن ئارتۇق يامغۇر مىقدارىنى ئۆلچەش پونكىتى قۇردى، يەنە ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش، رادىيودا ھاۋا رايى ئاڭلىتىش ۋە ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.

      جۇ كېجېن نەچچە ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، ئىقلىمغا ماسلىشىش تەلىماتىنى تەتقىق قىلدى. ئۇنىڭ ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى ھاۋا تېمپېراتۇرىسى، بېسىمى، شامال يۆنىلىشى قاتارلىق مېتىئورولوگىيە ئامىللىرىنى ئۆلچەش ۋە ئىقلىم ئۆزگىرىشىدىكى تۈرلۈك ئالامەتلەرنى خاتىرىلەش ئىدى. ئۇ دەريا سۈيى قانداق ۋاقىتتا مۇز تۇتىدۇ، قانداق ۋاقىتتا ئېرىيدۇ، دەل – دەرەخ، ئوت – چۆپلەر قانداق ۋاقىتتا بىخ چىقىرىدۇ، قانداق ۋاقىتتا گۈل ئېچىلىدۇ، قارلىغاچ قانداق ۋاقىتتا جەنۇبقا ئۇچۇپ كېتىدۇ، قانداق ۋاقىتتا شىمالغا ئۇچۇپ كېلىدۇ؟ دېگەنلەرنىمۇ خاتىرىلەيتتى. ئۇ ‹‹ئىقلىمغا ماسلىشىش تەلىماتى›› دېگەن كىتابنى يېزىپ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا كەڭ تەسىر قوزغىدى. كىتابقا 1936 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ 1974 – يىلى 2 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ئۇ ۋاپات بولۇشتىن بىر كۈن بۇرۇنغىچە بولغان 38 يىل 37 كۈننى تەكشۈرۈش خاتىرىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ بىر كۈنمۇ كەم بولمىغانىدى.

      جۇ كېجىن 1950 – يىلىدىن 1972 – يىلىغىچە بېيجىڭنىڭ ئەتىيازدىكى ئىقلىمى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ‹‹بېيجىڭنىڭ تەبىئىي تارىخى›› ناملىق ئەگرى سىزىقلىق خەرىتىنى ئىشلەپ پايتەختنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇھىم ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. چەت ئەللىك كەسىپداشلار ئۇنىڭغا يۇقىرى باھا بېرىپ: ‹‹جۇ كېجىن ئىلىم – پەن دۇنياسىنىڭ ئالدىدا ماڭدى›› دېدى.

ئىلھام ئابدۇراخمان (سانجى ئوبلاستلىق 3 – ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى) تەرجىمىسى

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر