باش بەت | تەربىيەچىلىرىمىز

پەرۋانە روھىغا باغلانغان ياشلىق

كامال جامال

      ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ گۈزەل-سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى قۇربانتاي تۇرسۇن ماي- بوياق رەسىم ئىجادىيىتىدە ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىقنى، چىنلىق بىلەن خاسلىقنى ئۆز ـ ئارا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىگە خاس ئىجادىيەت ئۇسلۇبى يارىتىپ، ماي بوياق ئەسەرلىرىنى زامانىۋىي مەدەنىيەت يۈكسەكلىكىگە كۆتۈردى. 1999 ـ يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى رەسىم فاكۇلتېتىنىڭ مائارىپ كەسىپىنى پۈتتۈرگەن.

       قۇربانتاي تۇرسۇن 2001 ـ يىلىغا قەدەر ئۆز خىراجىتى بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ، تۇرمۇش ئۆگەنگەچ، ماي بوياق رەسىم ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ بۇ جەرياندا خىلۋەت سەھرا كوچىلىرى، دېھقان ـ چارۋىچىلار تۇرمۇشى، تاغ ـ دەريا مەنزىرىلىرى تەسىۋىرلەنگەن ماي بوياق ئەسىرىدىن 45 پارچە ئىجاد قىلىپ،2001 ـ يىلىنىڭ ئاخىرى بۇ رەسىملەرنى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا كۆرگەزمە قىلدى. قويۇق تۇرمۇش پۇرىقىغا ئىگە، ئەنئەنىۋىي مەدىنىيەت خاسلىقى دەۋر روھىغا باغلىنىپ تۇرغان بۇ ماي بوياق رەسىملىرى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدىكى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى ھەمدە قۇربانتاينى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ گۈزەل ـ سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىقىغا تەكلىپ قىلدى. ئۇ شۇ كۈندىن باشلاپ دەرس مۇنبىرىدە تەلەپچان، لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچى بولسا، دەرستىن سىرتقى چاغلىرىنى ئىلىنىڭ مەنزىرىلىك جايلىرى، خىلۋەت سەھرا كوچىلىرىدا نۇقتا، شەكىل تاللاش، رەسىم سىزىش بىلەن ئالدىراش ئۆتكۈزدى. ئۇ 2002 ـ يىلى غۇلجا شەھىرىدە ‹‹قۇربانتاي تۇرسۇن ماي بوياق ئىجادىيەت ئەسىرلىرى كۆرگەزمىسى›› ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ ماي بوياق رەسىم ئىجادىيىتىدىكى تالانتىنى نامايان قىلدى. ئۇنىڭ ‹‹ئىشىك ئالدىدا››تېمىسىدىكى ماي بوياق ئەسىرى 2001 ـ يىلى تۇنجى بولۇپ شىنجاڭ رەسساملار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان گۈزەل-سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىگە قويۇلدى. 2003ـ يىلى يولداش ماۋزېدۇڭنىڭ ‹‹يەنئەن ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتۇق››نىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۈزەل ـ سەنئەت كۆرگەزمىسىدە ئۇنىڭ ‹‹تاغ باغرى›› تېمىسىدىكى ماي بوياق رەسىمى مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 2005- يىلى ئۇ ئىجاد قىلغان ‹‹كونا خاڭ›› ماي بوياق رەسىمى شۇ يىلى شىنجاڭ 2 -نۆۋەتلىك ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىگە قويۇلۇپ، 2 ـ دەرىجىلىك تەتقىقات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. قۇربانتاي ئەسەرلىرى2003ـ يىلدىن 2004ـ يىلىغا قەدەر شىئەن چەتئەت تىلى ئىنىستىتۇتىدا بىلىم ئاشۇرغان قۇربانتاي 2007ــ يىلىغا كەلگەندە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى گۈزەل ـ سەنئەت ئىنىستىتۇتىدا ماي ـ بوياق كەسىپى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇدى. ئۇ بۇ جەرياندا ھازىرقى زامان ماي بوياق رەسىملىرىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى، كەلگۈسىدىكى ئورنى قاتارلىق نۇقتىلارنى چوڭقۇر چۈشەندى. مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پىروفېسسورى، ئۇنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى كاڭ شاۋيۈ ئەپەندىم قۇربانتاي توغرسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: قۇربانتايدا ئىزچىللىق بىلەن نۇقتا، شەكىل تاللاش شۇنىڭدەك رەڭ سىزىمى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنىڭ رەسىملىرى مول تەسەۋۋۇرغا، زامانىۋىي مەدەنىيەتكە، چوڭقۇر رەسىم تىلىغا ئىگە. قۇربانتاي ئەسەرلىرى قۇربانتاي مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىدا ئۇقۇش جەريانىدا نۇرغۇن قېتىم مەملىكەت دەرىجىلىك گۈزەل ـ سەنئەت كۆرگەزمىلىرىگە قاتنىشىپ، ماي بوياق رەسىم ئىجادىيىتى ئۈستىدە ئەتىراپلىق ئىزدەندى. ئۇ ‹‹ماي بوياق رەسىم مەنزىرىسى ھەققىدە›› تېمىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ماي بوياق رەسىملىرىدىكى مەزمۇنلارنىڭ قايتىلىنىشى، ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاپ قىلىشى قاتارلىق نۇقتىلارنى ئىلمىي يەكۈنلەپ، ماي بوياق رەسىم ئىجادىيىتىدىكى خاسلىقنى نامايان قىلدى. شۇڭا، ئۇ 2007 ـ يىلىدىن كېيىنكى رەسىم ئىجادىيىتىدە شەكىل ئاساسىي بىلەن ئاساسىي ماھارەتنى پۇختا ئىگىلەپ، بوشلۇق مۇناسىۋىتى ياخشى ئىپادىلەنگەن، رەڭ قەۋەتلىرى رەسىم مەزمۇنىنى بېيىتالايدىغان ماي بوياق رەسىملىرىنى ئىجاد قىلدى. ئۇ 2007 ـ يىلى ئىجاد قىلغان ‹‹كۆچۈش›› تېمىسىدىكى ماي بوياق رەسىمىدە ھازىرقى زامان تەرەقىيات بىلەن ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۆز ـ ئارا گېرەلىشىپ كەتكەن بولسا، ‹‹چارۋىچىلار››، ‹‹ئىشىك››، ‹‹ئاسمان ئېگىز، يەر قاتتىق›› تېمىسىدىكى ماي بوياق رەسىملەردە بىر رايون ياكى بىر مىللەتنىلا ئىپادىلەش ھالىتىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، جۇڭگوچە رەسىم ئۇسلۇبىدىكى بوشلۇق قويۇش ۋە ماي بوياق رەسىملىرىدىكى رېئالىستىك ئۇسۇلدا ئىپادىلەشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش شەكلى ئارقىلىق، جانلىق بولغان رەسىم تىلىنى ياراتتى. ‹‹چارۋىچىلار›› تېمىسىدىكى ماي بوياق رەسىمى 2011 ـ يىلى شىنجاڭ ماي بوياق تېمىسىدىكى ھازىرقى زامان ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدە ‹‹مۇنەۋۋەر ئەسەر›› مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ ئەسەر يەنە بۇ يىل 3 ـ ئايدا بېيجىڭدىكى گۈزەل ـ سەنئەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹شىنجاڭ ياخشى›› تېمىسىدىكى گۈزەل ـ سەنئەت كۆرگەزمىسىگە قويۇلدى. ئۇنىڭ ‹‹كۆچۈش›› تېمىسىدىكى ماي بوياق ئەسىرى 2008 ـ يىلى مەملىكەتلىك 2 ـ نۆۋەتلىك دەۋر روھىي ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىگە تاللىنىپ قويۇلدى. 2011 ـ يىلى 6 ـ ئايدا ئۇنىڭ ‹‹ئاسمان ئېگىز، يەر قاتتىق›› تېمىسىدىكى ماي بوياق ئەسىرى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى گۈزەل ـ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ 2008- يىلى ماگىستىر ئاسپىرانىتلار سىنىپىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن گۈزەل ـ سەنئەت كۆرگەزمىسىدە ‹‹مۇنەۋۋەر ئەسەر›› مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، بۇ رەسىم مەكتەپتە ساقلىنىشقا ئېلىپ قېلىندى. ‹‹سېغىنىش›› تېمىسىدىكى ماي بوياق ئەسىرى 2007-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان گۈزەل-سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدە مىس مېدالغا ئېرىشتى. بۇلتۇر 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەت گۈزەل-سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدە ئۇنىڭ ‹‹قەدىمكى جاي››، ‹‹يۇرت›› تېمىسىدىكى ئىككى پارچە ماي بوياق رەسىمى كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى. ھازىرغىچە ئۇنىڭ تۈرلۈك كۆرگەزمىلەرگە قويۇلۇپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلىرى 15 پارچىگە يەتتى. قۇربانتاي ھازىرغىچە 100 پارچىدىن ئارتۇق ماي بوياق ئەسەر ئىجاد قىلىپ، ئۇنىڭ 35 پارچىسىنى گېزىت - ژۇرناللاردا ئېلان قىلدۇردى. ئۇ شىنجاڭ رەسىملىك ژۇرنىلىنىڭ 2006 ـ يىلى 4 ـ سانىدا ۋە شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلىنىڭ 2010 ـ يىلى 7 ـ سانىدا تونۇشتۇرۇلدى. قۇربانتاي مۇنداق دەيدۇ: مەن بەش ياش ۋاقتىمدىلا رەسىم سىزىشقا كىرىشكەنىدىم. شۇڭا، 1990 ـ يىلى باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، غۇلجا شەھەر بويىچە تۇنجى قېتىم تەسىس قىلىنغان گۈزەل-سەنئەت سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىپ قوبۇل قىلىنغانىدىم. 2011 ـ يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى گۈزەل-سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ماي بوياق كەسىپى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنى پۈتتۈرگەن قۇربانتاي غۇلجا شەھەرنىڭ مويكا مەھەللىسىدە ئىككى ئېغىزلىق دۇكاننى ئىجارىگە ئېلىپ، دەرستىن سىرتقى بارلىق ۋاقتىنى ئىجادىيەتكە باغلىدى. ھازىر ئۇ شىنجاڭ رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ماي بوياق رەسىم جەمئىيەتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ رەسساملار ئاكادېمىيەسىنىڭ تەكلىپلىك رەسسامى، ئىلى ئوبلاسلىق رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: قەلبىنۇر