باش بەت | كائىنات سىرلىرى

نېمىشقا مېۋە - چېۋىنىڭ كۆپىنىچىسى يۇمىلاق كېلىدۇ

      ئادەتتە كىشىلەر يۇمىلاق مېۋىلەر بوران - قاپقۇنغا چىداملىق بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. چۈنكى سىرتقى شەكلى يۇمىلاق بولغاچقا، بوران - چاپقۇنغا ئۇچرىشى كىچىكرەك بولىدۇ؛ بۇنىڭدىن سىرت، يۇمىلاق مېۋىلەرنىڭ سىرتقى يۈز ھەجىمى كىچىك بولغاچقا پارلىنىش مىقدارىمۇ ئاز بولىدۇ. بۇ مېۋىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگىمۇ پايدىلىق؛ ئۇندىن قالسا، سىرتقى يۈز ھەجىمى كىچىك بولغاچقا، زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ پۇت دەسسەپ تۇرغۇدەك جايىمۇ كىچىك بولىدۇ - دە، كېسەل تېگىش پۇرسىتىمۇ ئاز بولۇپ ئەي بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.

      ئەكسىچە، ئەگەر مېۋە - چېۋە چاسا شەكىلدە ياكى باشقا  شەكىلدە بولسا، مېۋىنىڭ سىرتقى يۈز ھەجىمى چوڭ بولۇپ، بوران - چاپقۇننىڭ تەسىرىگە چوڭراق ئۇچرايدۇ، سۇ تەركىبىنىمۇ كۆپ يۇقىتىدۇ؛ زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ زىيىنىغا كۆپرەك ئۇچرايدۇ - دە، ئەي بولۇش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

 

مەنبە: ماتېرىيالدىن تەھرىر: قەلبىنۇر