باش بەت | ئۈلگىلەر يېتەكلەيدۇ

رەسىمگە ئىشتىياق

      قەشقەر شەھەرلىك 19 – ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز 3 – يىللىق 1 – سىنىپ ئوقۇغۇچىسى مەمەتئېلىجان ئېزىز دەرسلەرنى تىرىشىپ ئۆگىنىش بىلەن بىرگە رەسىم سىزىشقىمۇ ئالاھىدە ئىشتىياق باغلاپ بۇ جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇ سىزغان ‹‹ئۇيغۇر قىزى›› ناملىق رەسىم 2011 – يىلى مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن 15 – نۆۋەتلىك ئۆسمۈرلەرنىڭ رەسىم سىزىش مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالغا، ‹‹بالىلار بايرىمى›› ناملىق رەسىم ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

سۈرەتتە: مەمەتئېلىجان ئېزىز ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە رەسىم سىزماقتا.

ئەسقەر ئەھمىدى خەۋىرى، فوتوسى

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر