باش بەت | ئەترەت خىزمىتى

ئۆزگىچە ئوتتۇرا ئەترەت بەرپا قىلىش

جۇ جىڭ

       ئوتتۇرا ئەترەت بىرقانچە ئونلىغان پىيونېر ئورتاق ئۆگىنىدىغان ۋە ياشايدىغان كوللېكتىپ، ئوتتۇرا ئەترەتنى بىر ئىللىق ئائىلىگە ئايلاندۇرۇش بارلىق پىيونېرلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. ھازىرقى دەۋر ئىندىۋىدۇئاللىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان دەۋر، ئەترەت مەدەنىيىتىمۇ ئىندىۋىدۇئاللىققا ئېھتىياجلىق، ئىندىۋىدۇئاللىققا تولغان ئوتتۇرا ئەترەت مەدەنىيىتىمۇ پىيونېرلار ئىللىق ئائىلىسى قۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى.

      تۆۋەندە سىلەر بىزنىڭ قانداق قىلىپ ئوتتۇرا ئەترەتنى ئىللىق بىر ئائىلىگە ئايلاندۇرغانلىقىمىزنى ھېس قىلىپ بېقىڭلار.

ئۆزىنىڭ سۆزى بىلەن ئۆزىنى ئىلھاملاندۇرۇش. سىنىپىمىزدا بۇرۇنقىدەك ئاتاقلىق شەخسلەرنىڭ رەسىمى، سىنىپ قائىدىسىنى تامغا چاپلايدىغان ئەنئەنىۋى ئۇسۇلنىڭ ئورنىنى پىيونېرلارنىڭ ئۆزلىرى يازغان ‹‹مەردانە سۆزلەر›› ئالدى. مەسىلەن، ‹‹ئاتا – ئانىسىغا ۋاپادار بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ياخشى بالا بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈش››، ‹‹ئۆزى ۋە باشقىلارنى قوغدايدىغان كۈنلۈك بولۇشنى ئۆگىنىش›› قاتارلىقلار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە چىرايىدىن ئىشەنچ چىقىپ تۇرىدىغان پىيونېرلارنىڭ رەسىملىرى، ‹‹يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدە يېڭى مەقسەت›› قاتارلىقلارمۇ تامغا چاپلانغان بولۇپ، بۇلار پىيونېرلارنى ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ مەقسىتىنى تىرىشىپ ئورۇنلاشقا ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ ئىشەنچىمۇ ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.

      ھەربىر بۇلۇڭنى گەپ قىلدۇرۇش. سىنىپىمىز گەرچە كىچىك بولسىمۇ ھەممە جايدا ئېسىل نەرسىلەر بار بولۇپ، مۇھىمى ئۇنىڭدىن قانداق قىلىپ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش. ئادەتتە مەن ۋە پىيونېرلار سىنىپنىڭ ھەرقايسى تاملىرىنى كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر بىر بۇرجەكتىنمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىمىز. مەسىلەن، مۇنبەر ۋە ئىشىكنىڭ يېنىغا گۈل قويۇپ ‹‹ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى››نى بەرپا قىلدۇق. سىنىپ ھاياتىي كۈچكە تولغان بولسىمۇ ئوتتۇرا ئەترەت ۋە پىيونېرلار ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان گۈلگە ئوخشاش پەرۋىش قىلىشقا موھتاج. سىنىپتا يەنە تازىلىق بۇلۇڭى، كىتاب شەھەرچىسى بار بولۇپ قارا دوسكا گېزىتىمۇ پىيونېرلارنىڭ رەسىملىرى، ماقالىلىرى، قول ھۈنەر بۇيۇملىرى قاتارلىق ئەسەرلىرىنى نامايان قىلىدىغان سەھنىگە ئايلاندى. ھەر كۈنى بۇنداق سىنىپتا ياشاۋاتقان پىيونېرلار ئىجادكارلىقنىڭ خۇشاللىقى ۋە ئۆزىدىن ھالقىپ ئۆتۈشنى ھېس قىلالايدۇ.

      سىنىپتا ئەترەت پائالىيىتىنى نامايان قىلىش. ئەترەت پائالىيىتى تەربىيە ۋە تەسىرچانلىققا باي بولغان چوڭ سىنىپ، پىيونېرلار ئۇنىڭدىن تەربىيە قوبۇل قىلىدۇ، ئىلھام ئالىدۇ، كوللېكتىپ شەرەپ قارىشىمۇ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىدۇ. ھەر ئوقۇش مەۋسۇمىدە بىزنىڭ ئوتتۇرا ئەترەت نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى تەشكىللەيدۇ، پائالىيەتتىن كېيىن پىيونېرلار ئۆزلىرى قول سېلىپ ئىشلەپ قەرەللىك ھالدا قارا دوسكىنى يېڭىلايدۇ. بۇنداق قىلغاندا پىيونېرلارنىڭ پائالىيەتكە قاتنىشىش ۋە مۇھىتنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپلا قالماي پىيونېرلار لايىھەلەپ چىققان ماۋزۇ، يېڭى پىروگراممىلار ئەترەتنىڭ ئالغا ئىنتىلىشچانلىقى ۋە ئويۇشۇشچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ.

      بازا قۇرۇلۇشىنى ئورتاق تاماملاش. ئوتتۇرا ئەترەت بازىسى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار ئورتاق يارىتىدىغان روھىي بايلىق، بۇ بايلىقنىڭ يارىتىلىش جەريانى پىيونېرلارنىڭ چېنىقىپ يۇقىرى ئۆرلەيدىغان جەريانىدۇر. بىزنىڭ ئەترەتنىڭ ‹‹رەڭلىك شامالدۇرغۇچ›› ئوتتۇرا ئەترىتى ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئەترەت تەربىيەچىسى چوڭ بىر شامالدۇرغۇچ ياسىدى، ھەربىر پىيونېرمۇ ئۆزىنىڭ كىچىك شامالدۇرغۇچىنى ياسىدى.

      ياخشى ئەترەت مەدەنىيىتى خۇددى بىر خېتى يوق كىتابتەك، خۇددىي ياخشى ئوستاز ۋە ئوبدان دوستتەك، خۇددى بىر پارچە ماگنىتتەك خۇشاللىق روھىنى نامايان قىلىپ كوللېكتىپنى يۇرۇتىدۇ. ئاكتىپ يۇقىرى ئۆرلەيدىغان ئىللىق مەدەنىيەتتىن پىيونېرلار قانداقمۇ ‹‹ئائىلە›› ئىللىقلىقىنى ھېس قىلمىسۇن، نېمىشقا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلمىسۇن!

قىستۇرما سۈرەتنى ئەخمەتجان ھوشۇر تارتقان.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئىلمىنۇر