باش بەت | چەت ئەل ئەدەبىياتى

سوپۇن ماغزىپىدىكى يېڭىلىق

      نيۇتوننىڭ بەلچە كۆتۈرۈۋالغان دادىسى پۈتۈن دىققىتى بىلەن مامكاپ غولىدا سوپۇن ماغزىپىنى پۈۋلەپ ئويناۋاتقان ئوغلىغا دەپتۇ:

      — ئوغلۇم، تېزرەك بېرىپ پۇرچاقنىڭ ئوتلىرىنى ئوتىۋەتكىن، چوپچوڭ بولۇپ قالغاندا كىچىك بالىلاردەك ئوينىساڭ بولامدۇ؟

      — دادا، بۇنىڭغا قاراڭ، سوپۇن ماغزاپلىرى قۇياش نۇرىدا ئالا – يېشىل كۆرۈنىدىكەن، ئۇنىڭدا رەڭلەرنىڭ ھەممە خىلى بار.

      — بۇنىڭ ھەيران بولغۇچىلىك نېمىسى بار، ماغزاپ دېگەن ئۆزى شۇنداق نەرسە.

      — ئۇنداق ئەمەس، بۇنىڭ ئاساسى بار، بۇ قۇياش نۇرىنىڭ بىرلا خىل رەڭدە ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

      — سوپۇن ماغزىپىنىڭ قۇياش نۇرى بىلەن نېمە ئالاقىسى بولسۇن؟ قۇياش نۇرىنىڭ ئاق ئىكەنلىكىنى كىم بىلمەيدۇ؟ ساراڭلىق قىلماي ئىشىڭغا بارغىن بالام.

      — مەسىلە ئۇنداق ئاددىي ئەمەس، بۇنى تازا ئوبدان تەتقىق قىلىپ كۆرمىسەم بولمايدۇ.

كىچىكىدىن تارتىپ ئىشتىن باش تارتمايدىغان نيۇتون بىرەر ئىشنى چۈشەنمەي قالغاندا ئۇنى مۇلاھىزە قىلىپ، ئېقىنى ئاق، قارىسىنى قارا قىلمىغۇچە ئۇ ئىشتىن زادىلا قول ئۈزمەيتتى.

شۇ يىلى ئۇ ئەمدىلا كامبرىگې داشۆنى پۈتتۈرگەنىدى، ئەمما ئۆتكۈر يۇقۇملۇق ۋابا لوندوننى قاپلاپ كەتكەچكە، يۇرتىغا قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولغانىدى.

      ئىككىنچى كۈنى ھاۋا يەنە شۇنداق ئوچۇق، قۇياش نۇرى شۇنداق ئىللىق. نيۇتون كېچىچە ئويلاپ چىقتى، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان قۇياش نۇرى كارىۋىتىنىڭ بېشىغا چۈشكەندە، ئۇ ئاق قۇياش نۇرىنىڭ سىرىنى چوقۇم ئېنىقلاپ چىقىشقا بەل باغلاپتۇ – دە، سەكرەپ ئورنىدىن تۇرۇپ كارىۋاتتىن چۈشۈپ، لازىملىق نەرسە – كېرەكلىرىنى ئېلىپ، يېڭى تەجرىبىنى باشلاپتۇ.

      ئۇ يىغىۋالغان تەجرىبە ئەسۋابلىرى ئىچىدە دانە – دانە ئەينەك پارچىلىرى ھەممىدىن كۆپ ئىكەن، چۈنكى، نيۇتون سوپۇن ماغزىپىمۇ ئىچى كاۋاك ئەينەك شارىكچىنىڭ ئۆزى، سوپۇن ماغزىپى قۇياش نۇرىدا نەچچە خىل رەڭلىك بولۇپ كۆرۈنگەن يەردە، قۇياش نۇرى چۈشۈرۈلگەن ئەينەك پارچىدىمۇ نەچچە خىل رەڭ كۆرۈنۈشى كېرەك دەپ قارايدىكەن.

      نيۇتون دېرىزە ئالدىدا تۇرۇپ سوپۇن ماغزىپىنى پۈۋلىگەچ، قولىدىكى ئەينەك پارچىسىنى دېرىزىنىڭ ئالدىغا قويۇپ، پۈتۈن دىققىتى بىلەن كۆزىتىپتۇ. لېكىن ئۇ ئەينەك پارچىسىدىن بىرنەچچەسىنى ئالماشتۇرۇپ كۆرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن زادىلا ھەر خىل رەڭ كۆرۈنمەپتۇ. قۇياش نۇرى ئاستىدىكى سوپۇن ماغزىپىدىن بولسا، ئالا – يېشىل رەڭلەر كۆرۈنۈپتۇ. بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟ ئەجەبا، مېنىڭ ھۆكمۈم خاتا بولدىمۇ؟ نيۇتون ئۆزىگە سوئال قويۇشقا باشلاپتۇ.

      نيۇتون بىرئاز تاقەتسىزلىنىپ تۇرغاندا، قانداقتۇ قولىغا بىر پارچە ئۈچ قىرلىق ئەينەك چىقىپ قاپتۇ، ئۇ بۇ ئەينەكنى قۇياش نۇرىغا تۇتۇپ ئۇيان – بۇيان مىدىراتقانىكەن، ئۇنىڭ ئالدىدا مۆجىزە پەيدا بوپتۇ: ھېلىقى ئۈچ قىرلىق ئەينەكتە سوپۇن ماغزىپىدا كۆرۈنگەن ئوخشاش مەنزىرە كۆرۈنۈپتۇ. ھەتتا بۇنىڭدا كۆرۈنگەن رەڭلەر قۇياش نۇرى ئاستىدىكى ماغزاپتا كۆرۈنگەنگە قارىغاندا تۇراقلىق ۋە تېخىمۇ ئېنىق چىقىپتۇ. نيۇتون ئالدىراپ ئۇنىڭدىكى رەڭنى سانىغىلى باشلاپتۇ:

      — پاھ! مانا قىزىل، پورەڭ، سېرىق، يېشىل، كۆك، نىل رەڭ، سۆسۈن جەمئىي يەتتە خىل رەڭ. شۇنداق، قۇياش نۇرىدا يەتتە خىل رەڭ بار ئىكەن.

      نيۇتون ئۆزىنىڭ تاپقان بۇ يېڭىلىقىدىن خۇشال بولۇپ سەكرەپ كېتىپتۇ. لېكىن يەنىمۇ ئوبدانراق ئويلىنىپ قاپتۇ. ئاق نۇر يەتتە خىل رەڭگە تارقالغان يەردە، يەتتە خىل رەڭنى بىر يەرگە يىغسا، بۇنىڭدىن ئاق نۇر پەيدا بولماسمۇ؟

      ئۇ يەنە ئالدىراش ئىشقا كىرىشىپتۇ – دە، بىر دانە كۆپۈنكى لىنزىنى ئۈچ قىرلىق ئەينەك پارچىسى بىلەن ئاق قەغەز ئارىسىغا قويغانىكەن، شۇ ھامان ئۇ كۆزلىگەن ئۈنۈم كۆرۈلۈشكە باشلاپتۇ. ھېلىقى ئۈچ قىرلىق ئەينەكتە پارچىلىنىپ كۆرۈنگەن يەتتە خىل رەڭدىكى نۇر بىر يەرگە يىغىلىپ، ئاق قەغەز ئۈستىدە بىر ئاق نۇر بەلبېغى پەيدا بوپتۇ.

      شۇنداق قىلىپ نيۇتون ئەڭ ئاددىي سوپۇن ماغزىپى ئۈسىتىدە ھارماي – تالماي ئىزدىنىش، ئۈزلۈكسىز تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرى ئوپتىك فىزىكىدىكى ئنىنتايىن مۇھىم بىر قائىدىنى — نۇرنىڭ رەڭلەرگە ئاجرىلىشى ۋە يىغىلىشى قائىدىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپتۇ.

 

مەنبە: تەھرىر: مېھراي