باش بەت | ئائىلە تەربىيەسى

قانداق قىلغاندا ياخشى ئائىلە باشلىقى بولغىلى بولىدۇ

 
       بالىلارنى ھۆرمەتلەش

      بالىلارنىمۇ چوڭلارنى ھۆرمەتلىگەنگە ئوخشاش ھۆرمەتلەش. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا - ئانىلىق سالاھىيەتنى بەك چوڭ بىلىۋالماسلىق، ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە بولۇۋالماسلىق، بالىلار ناھايىتى مۇھىم دەپ بىلگەن ئىشلاردا ئۇلارنى مازاق قىلماسلىق كېرەك. ئەگەر بالىڭىز سىزگە بىرەر مەخپىيەتلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن بولسا، سىز چوقۇم ئۇنى سىر تۇتۇشىڭىز كېرەك.

      بالىلارنى چۈشىنىش

      ياخشى ئاتا - ئانا بولۇشنىڭ شەرتى بالىلارنىڭ مىجەزىنى چۈشىنىش ھەمدە تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى شۇنىڭغا ماس ھالدا تەڭشەشتە. بۇنىڭ ئۈچۈن كىچىك ئىشلارنى چوڭايتىۋەتمەسلىك، بالىلارنىڭ باشقىلار كۆز - كۆز قىلىدىغان ئىشى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىش، بالىلارنىڭ ئەڭ ياراملىق تەرەپلىرىنى بايقاشقا ماھىر بولۇش كېرەك.

      ياخشى ئۈلگە بولۇش

      ھەر كۈنى كەچتە ئۆزىدىن: ‹‹بۈگۈن بالام مەندىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلىدى؟›› دەپ سوراپ بېقىش كېرەك. چۈنكى بالىلار ئاتا - ئانا قىلغاننى دورايدۇ. ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئۆز - ئارا مۇئامىلىسى بىلەن ئۇلارنىڭ بالىغا تۇتقان مۇئامىلىسى ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك. بالىلارغا بىجىرەلمەيدىغان ئىش ئۈستىدە ۋەدە بەرمەسلىك كېرەك.

      بالىلارنى ئىزدىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈش

      بالىلارغا داۋاملىق ‹‹ئۇنى قىلسا بولمايدۇ، بۇنى قىلسا بولمايدۇ›› دېيىش ئۇلارنى قورقۇنچاق قىلىپ قويىدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ دۇنيا قارىشىنى مەسخىرە قىلماسلىق، گەرچە بالىلارنىڭ غەلىبىسىنىڭ تىلغا ئالغۇچىلىكى بولمىسىمۇ، ئۇلارنى تەبرىكلەش، بالىلارنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ئالدىن كۆرۈپ، مەغلۇبىيەتكە يۈزلىنىش پىلانى تۈزۈپ، بالىلارنى يەنە بىر قېتىم ئۇرۇنۇپ بېقىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

      توغرا بۇيرۇق قىلىش

      بالىلارنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىش جەريانىدىكى ياخشى قائىدە - يوسۇنلار بالىلاردا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە ئېڭىنى يېتىلدۈرىدۇ. ئۆسۈپ - يېتىلىش جەريانىدا بالىلارغا يەنە ئۆزىنى كونترول قىلىش ۋە ئۆزىگە ئىشىنىشنى ئۆگىتىش كېرەك.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: ئاينۇر