باش بەت | ئەترەت پائالىيەتلىرى

مۇھىت ئاسراش ئېڭى يېتىلدۈرەيلى

      مېھرىبان نىياز

      پائالىيەت مەقسىدى

      بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق ئۆسمۈر – بالىلاردا كىچىكىدىن باشلاپ مۇھىت ئاسراش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈپ ئۇلارنى مەدەنىي بولۇش، تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش، يېشىللىقنى سۆيۈش ۋە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشكە يېتەكلەپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى گۈزەل باغچا قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا چاقىرىق قىلىش.

      پائالىيەت جەريانى

      (ئەترەت پائالىيەت مۇراسىمى باشلىنىدۇ، ئىككى رىياسەتچى سەھنىنىڭ ئىككى تەرىپىدىن ئىلگىرى – كېيىن سەھنىگە چىقىدۇ)

      رىياسەتچىA: مۇھىت دېگەن ھاياتلىقنىڭ جېنىدۇر، بىلسەڭ،

      تېنىڭ بولۇر سالامەت مۇھىتنى سۆيسەڭ.

      رىياسەتچىB: چەكسىز دالا، ئەي گۈزەل دالا، سەندىن ئۆتكەن زۇمرەتتەك سۇلار يېتىپ بارار چەكسىز شاللىققا، لالالا...

      رىياسەتچىA: تەبىئەت ئىنسانلارنىڭ بۆشۈكى، ھەربىر كىشىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ساپ ھاۋا ۋە سۇدىن، تىنچ ۋە پاكىزە مۇھىتتىن ئايرىلالمايدۇ.

      رىياسەتچىB: ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، كىشىلەر تەبىئەتنى بۇلغىماقتا، يەر شارىنى ۋەيران قىلماقتا، شۇڭا يەر شارى ‹‹غەزەپلىنىپ›› خىلمۇ – خىل ئۇسۇللار بىلەن ئىنسانلارنى جازالىماقتا.

      رىياسەتچىA: مومامنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە ئىلگىرى كىشىلەر ئۇزۇن قىشنى بىزارلىق بىلەن ئۆتكۈزۈپ، زارىقىپ كۈتكەن باھارغا ئۇلاشقاندا بىر لەۋزىدىن: ‹‹باھار كەلدى، يېڭى يىل كەلدى، يېڭى ئارمان، يېڭى ئۈمىد كەلدى›› دېيىشىپ يېڭى بىر يىلغا تولۇپ تاشقان ھاياتى كۈچ ۋە زور ئۈمىد بىلەن بېقىشاتتىكەن. بىراق، ھازىر يىل بېشى — باھار ئۆزىنىڭ گۈزەل رۇخسارىغا، يېشىل روھىغا ماس كەلمىگەن چەكتىن ئاشقان بوران – چاپقۇن، بىردە قىزىپ، بىردە سوۋۇپ تۇرىدىغان ئۆزگىرىشچان كېلىمات بىلەن كېلىپ، باھار يامغۇرىغا تەشنا بۇ زېمىنغا قۇم ياغدۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ چېھرىدىكى باھار تەبەسسۇمىنى ئاللىقانداق چۈشىنىكسىز مەنىلەرگە ئالماشتۇرىۋاتىدۇ.

      رىياسەتچىB: مەيلى نېمىلا دەيلى، نېمىلا دەپ قاخشايلى، كۆرۈلۈۋاتقان بۇ رىئاللىقنى يەنىلا ئىلمىي نۇقتىدىن كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ، نۆۋەتتە ئىنسانلار يەر شارى كېلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى، سۇ بايلىقىنىڭ كەمچىل بولۇشى، ئوزۇن قەۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشى، كىسلاتالىق يامغۇر، تۇپراقنىڭ چۆللىشىشى، دېڭىز – ئوكياننىڭ بۇلغىنىشى ۋە جانلىقلار تۈرىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئازىيىپ كېتىشى قاتارلىق يەر شارى خاراكتېرلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىلىرىگە دۇچ كەلمەكتە. يەر شارى خاراكتېرلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسى بىئوسفېرانىڭ مۇقىم ھالىتىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلماقتا ھەمدە ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا، تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە.

      رىياسەتچىA: دېمەك، ھازىر ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى مۇھىت بۇلغىنىش ئېغىر بولماقتا، كىشىلەرنى ئەندىشىگە سالماقتا. ‹‹ئارىلىق يىراق بولسىمۇ كۆڭۈل يېقىن›› دېگەندەك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسى يەر شارى خاراكتېرلىك بولۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ۋە ھەمكارلىشىشىغا مۇھتاج.

      (ئىككى پىيونېر سەھنىگە چىقىپ كىچىك چولپان ئارافاتنىڭ ‹‹يەر شارى›› دېگەن ناخشىسىنى يېقىملىق ئاۋازدا ئورۇنلايدۇ، ناخشا تېكىستى تۆۋەندىكىدەك)

      ئاھ مۈشۈكۈم مەش يېنىدا ئۇخلايدۇ،

      كېپىنەكلەر شىرنىلارنى ئوۋلايدۇ،

      ھەرە كۆنىكىدە سۆيگۈ مېھرى تارايدۇ،

      مۇھەببەتكە مۇھتاج ئىكەن يەر شارى.

      سۈزۈك ھاۋا قوغلاپ يۈرەر تۇماننى،

      سۆيۈپ قويار ئاي بۇلۇتلار ئورماننى،

      سۆيەيلى تەڭ گۈل – چېچەكنى سامانى،

      بىزدىن سۆيگۈ كۈتكەن ئىكەن يەر شارى.

      يەر شارىسىز بىزگە ھايات، نان نەدە،

      يەر شارىسىز بىزگە بەخت، جان نەدە،

      يەر شارىدىن ھەيدەيلىچۇ تۇماننى،

      ئىس – تۈتەكتىن بىزار ئىكەن يەر شارى.

      يەر شارىدىن بىزدە پەقەت بىرسى بار،

      ساپ ھاۋاغا مۇھتاج يەنە ئىنسانلار،

      ھاياتلىقنىڭ ئانىسى بۇ ماكان،

      مېھرىمىزگە تەشنا ئىكەن يەر شارى.

      رىياسەتچىB: شۇنداق دوستۇم، يەر شارى ئىنسانلار تايىنىپ ياشايدىغان ئائىلە، بىزنىڭ پەقەت مۇشۇ بىرلا ئائىلىمىز بار، ئۇنى سۆيۈپ، ئاسراش، قوغداش ھەربىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى.

      رىياسەتچىA: شۇڭا، بىز مۇھىت ئاسراشنى كىچىك ئىشتىن باشلاپ ئۆزىمىزدە مۇھىت تازىلىقىنى سۆيىدىغان، كېرەكسىز نەرسىلەرنى قالايمىقان تاشلىمايدىغان، گۈل – گىياھلارنى ئاسراپ، كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىدىغان ياخشى پەزىلەت يېتىلدۈرۈشىمىز لازىم.

      رىياسەتچىB: شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، مەيلى بىزنىڭ مۇھىت ئاسراش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمىز قانچىلىك كىچىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرساقلا ئۆزىمىزنىڭ كىچىك مۇھىتىنى قوغداش ئارقىلىق چوڭ مۇھىتنى قوغداش مەقسىدىگە يېتەلەيمىز.

      رىياسەتچىB،A: ساۋاقداشلار، بۇنىڭدىن كېيىن ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ياشاۋاتقان مۇھىتىمىزنى ئۆز ئائىلىمىز دەپ بىلىپ، ھەر بىرىمىز مۇھىت ئاسراشتىكى كىچىك قوغدىغۇچىلاردىن بولايلى. شۇندىلا بالىلاردا قار ياغسا قىش، گۈللەر ئېچىلسا باھار، خامانلار ئېلىنسا ياز، مېۋىلەر تۆكمە بولۇپ پىشسا كۈز پەسلى بولدى دېگەن تۇيغۇدا، بىغەم ياشايدىغان بولىدۇ. يەنە شۇنداقلا زىيان تارتماي پايدا ئېلىشنى، ھۆرمەتلىمەي ئىززەتلىنىشنى، تەر ئاققۇزماي شەرەپكە ئېرىشىشنى، جاپا تارتماي راھەت كۆرۈشنى، كۆچەت تىكمەي سايىدا ئولتۇرۇشنى، باغ قىلماي مېۋە يېيىشنى، قۇدۇق قازماي سۇ ئىچىشنى، يول ئاچماي داغدام يولدا مېڭىشنى خالايدىغان پەس ئارزۇ – ھەۋەسلەردە بولۇشقا خاتىمە بېرەلەيمىز ھەم ئۇنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز.

      ساۋاقداشلار، خۇشاللىق، بەخت – سائادەت مەڭگۈ بىزگە يار بولسۇن، ئورتاق ماكانىمىزنى بىرلىكتە قوغدايلى.

      بارلىق پىيونېرلار: چوقۇم شۇنداق قىلايلى.

      پائالىيەت ئاخىرلىشىدۇ.

(ئاپتور كۇچا ناھىيەلىك 4 – ئوتتۇرا مەكتەپتىن)

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئىلمىنۇر