باش بەت | تەربىيەچىلىرىمىز

مۇنەۋۋەر تەربىيەچى

ئابلەھەت باھايىدىن (تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز)

      توقسۇن ناھىيەسى غولبۇيى يېزىسى قەسقىر مەكتەپنىڭ چوڭ ئەترەت تەربىيەچىسى سەيدىگۈل تاشتۆمۈر مۇئەللىم كەسىپكە زور ئىشتىياق باغلاپ، پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ تىرىشىپ ئىشلىدى. رەھبەرلىك ئۇنىڭ ئىزدىنىشچان روھىغا قايىل بولۇپ ئۇنىڭغا تەربىيەچىلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى. بۇ ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن سەيدىگۈل مۇئەللىم ئۆزىگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇپ تىرىشپ ئىزدەندى. ئەترەت بىلىملىرىنى قېتىرقىنىپ ئۆگەندى. ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىنى ئىگىلەشكە ماھىر بولۇپ سىردىشىغا ئايلاندى. ئۇ ھەر قېتىملىق ئەترەت پائالىيىتىدىن پايدىلىنىپ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەممىدىن ئەلا››، ‹‹پولاتتەك ئىنتىزام ئاستىدا ئالتۇندەك غەلىبە ياتىدۇ›› دېگەن تېمىلاردا ‹‹قوش تىل››دا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. ئايدا بىر قېتىم قوشماق مەكتەپلەر بىلەن ‹‹قول تۇتۇشۇش، دوستلۇق ئورنىتىش›› پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۆزۈمدىن باشلىنىدۇ››، ‹‹بىخەتەرلىك بىرىنچى››، ‹‹بىزنىڭ بايراملار››، ‹‹لېي فېڭدىن ئۆگىنەيلى››، ‹‹ئانامغا بېرىلىدىغان سوۋغات›› قاتارلىق تېمىلاردا مۇسابىقە، لېكسىيە، تېمىلىق سىنىپ يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇردى.

   سۈرەتتە: سەيدىگۈل مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلىمەكتە.

      سەيدىگۈل مۇئەللىم خىزمەتكە قاتناشقان 23 يىلدىن بۇيان ئەترەت خىزمىتىنى ئۈن – تىنسىز ئىشلىگەندىن سىرت فىزىكا، خەنزۇ تىلى، ماتېماتىكا قاتارلىق دەرسلەرنىمۇ ئۆتتى. ئۇ كۆپ قېتىم مەكتەپ بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى››، ‹‹مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى››، ‹‹دەرسخانا ئوقۇتۇش ماھىرى››، ‹‹‹8 –مارت› قىزىلبايراقدارى›› بولۇپ باھالاندى. 2011 – يىلى ناھىيە بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر ئەترەت تەربىيەچى›› بولۇپ تەقدىرلەندى.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر