باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نۇتقى

ئىس – تۈتەكتىن يىراق تۇرايلى

      ساۋاقداشلار، بۇ ھەپتە بىز ‹‹دۇنيا ئىس – تۈتەكسىز كۈنى›› بىلەن خەلقئارا ‹‹1 – ئىيۇن›› بالىلار بايرىمىدىن ئىبارەت ئىككى بايرامنى كۈتۈۋالىمىز. 1989 – يىلىدىن باشلاپ ‹‹دۇنيا ئىس – تۈتەكسىز كۈنى›› خەلقئارا ‹‹1 – ئىيۇن›› بالىلار بايرىمىنىڭ ئالدىغا يەنى 5 – ئاينىڭ 31 – كۈنىگە بېكىتىلگەن. بۇ ئارقىلىق كىشىلەرگە تاماكىنىڭ زىيىنىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇتۇش مەقسەت قىلىنغان.

      نۇرغۇن كىشىلەر كىچىككىنە بىر تال تاماكا ئادەمگە قانچىلىك زىيان كەلتۈرەلەيتتى، دەپ ئويلايدۇ. ئەمما، ئۇنىڭ زىيىنىنى چۈشەنگەندە ھەيرانلىقتىن ئاغزىنى ئېچىپ قالىدۇ. تاماكا چەككەندە ئادەم راك پەيدا قىلىدىغان نىكوتىن، كوكۇس مېيى، ئامىياك، بېنزول قاتارلىق نۇرغۇن ماددىلارنى سۈمۈرۈۋالىدۇ. كوكۇس مېيىنىڭ تەركىبىدىلا راك پەيدا قىلىدىغان بىرنەچچە خىل ماددا، نىكوتىندا ئادەمنى خۇمار قىلىدىغان ماددا بار. ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە، بىر تال تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىن بىر تال ئاق چاشقاننى زەھەرلەپ ئۆلتۈرەلەيدىكەن.

     ئىسپاتلىنىشىچە، يەر شارىدا ھەر 6.5 مىنۇتتا بىر ئادەم تاماكىدىن زەھەرلىنىپ ھاياتىدىن ئايرىلىدىكەن. ھەر يىلى 5 مىليون ئادەم تاماكا چېكىش سەۋەبلىك ھەر خىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە%80ى ئۆسمە كېسىلىگە، 75%ى ئاستا خاراكتېرلىك توسۇلۇپ قېلىش كېسىلىگە،%25ى تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن. ھاۋا ئالمىشىش ياخشى بولمىغان مۇھىتتا ئىككى تال تاماكا چەكسە ئۆيدىكى ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى سىرتنىڭ ھاۋاسىدىن 20 ھەسسە ئارتۇق بولىدىكەن.

      بۈگۈنكى كۈندە تاماكىنىڭ زىيىنىنى نۇرغۇن ئادەملەر تونۇپ يېتىۋاتىدۇ. ساۋاقداشلار، بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىپ تاماكىنىڭ بىزگە كەلتۈرىدىغان زىيىنىنى توسايلى؛ تاماكا چەككۈچىلەرگە تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنىنى تەشۋىق قىلايلى؛ تاماكا قالدۇقلىرىنىڭ بالىلارغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىنى توسايلى؛ تاماكىدىن يىراق تۇرۇپ بالىلىقىمىزنى پاكىز ساپ مۇھىت ئىچىدە ئۆتكۈزەيلى!

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر