باش بەت | يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن

قەدىمكىلەر سانلارنى قانداق ھېسابلايتتى

      قەدىمكىلەر ئەڭ دەسلەپتە سانلارنى بارماق بىلەن ھېسابلىغان، ئون بارمىقى يېتىشمىگەندە، مېۋە ئۇرۇقلىرى قاتارلىق ئۇششاق نەرسىلەردىن پايدىلانغان. بارماق بىلەن ھېسابلاش قۇلايلىق بولسىمۇ، بىراق چوڭراق سانلارنى ھېسابلاش ئەپسىز، ھېسانلاش نەتىجىسىنىمۇ ساقلىغىلى بولمايتتى. كېيىن، كىشىلەر، يەنە ئارغامچىدا تۈگۈن تۈگۈش ياكى يەر يۈزىگە بەلگە قويۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ھېسابلاش ئېلىپ بارغان.

      مەملىكىتىمىزنىڭ ئەمىنىيە – يېغىلىق دەۋرىدە، بەزىلەر بىر خىل مەخسۇس ھېسابلاش ئەسۋابى – ساناش چوكىسىنى كەشىپ قىلغان. بۇ بامبۇك، ياغاچ ياكى سۆڭەكتىن ياسالغان نۇرغۇن كىچىك تاياقچىلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار ئوخشاش بولمىغان رەڭلەر بىلەن بويىلىپ، بەلگىلىك قانۇنىيەت بويىچە تىزىلىش ئارقىلىق ھېسابلاش ئىشلىرىدا پايدىلىنىلغان. 1500 نەچچە يىل ئىلگىرى، مەملىكىتىمىزنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىكى ئالىم زۇ چۇڭجى نەچچە مىڭ تال مۇشۇنداق تاياقچىدىن پايدىلىنىپ، 15 يىل تىرىشىش ئارقىلىق چەمبەر تۇراقىلىقىنىڭ قىممىتى 3.1415929 بىلەن 3.1415927نىڭ ئارىلىقىدا بولىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان. بۇ نەتىجە ياۋرۇ ئالىملىرىدىن توپتوغرا 1000 نەچچە يىل بۇرۇن بايقالغان. بىراق، ساناش چوكىسىنىڭمۇ كەمچىلىكى بار، باغلام – باغلام تاياقچىلار بىلەن ھېسابلاش ھەم قولايسىز، ھەم ئاستا بولۇپ، ئاسانلا خاتالىق كۆرۈلەتتى. مەملىكىتىمىزنىڭ يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە، تېخىمۇ ئىلغار ھېسابلاش ئەسۋابى – چوت ئىجاد قىلىندى. چوتنىڭ قۇرۇلمىسى ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ، تۆت چاسا ياغاچ رامكا ئىچىدىكى توغرىسىغا قويۇلغان تاياقچىلارغا قاتار قاتار ئۇرۇقلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۇرۇقلارنى يۇقىرى – تۆۋەن سۈرۈش ئارقىلىقلا سانلارنى تېز ھەم توغرا ھېسابلاشقا بولىدۇ. چوت گەرچە قەدىمىي ئەسۋاب بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭدا ھازىرقى كومپيۇتېرنىڭ مۇھىم قۇرۇلما ئالاھىدىلىكلىرى ھازىرلانغان. مەسىلەن، ھېسابلىماقچى بولغان ساننى ئۇرۇقلارنى سۈرۈش ئارقىلىق چوتقا كىرگۈزگىلى بولىدۇ، بۇ كومپيۇتېرنىڭ كىرگۈزۈش ۋە ساقلاش قانۇنىيىتىگە بىرئاز ئوخشىشىپ كېتىدۇ؛ قاپىيىلەشتۈرۈلگەن چوت سوقۇش قائىدىسى كومپيۇتېرنىڭ مەشغۇلات بۇيرۇقىغا ئوخشىشىدۇ؛ ئۇرۇقلارنى يۆتكەپ ھېسابلاش كومپيۇتېرنىڭ بۇيرۇق ئىجرا قىلغىنىغا ئوخشىشىدۇ. بۈگۈنكى كۈندىمۇ، ئاددىي بولغان چوت بىلەن ھېسابلىغاندا كومپيوتېرغا قارىغاندا تېز ھېسابلىغىلى بولىدۇ.

مەنبە: يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن تەھرىر: مەۋلان