باش بەت | مەشھۇر شەخسلەر

كىم جۇڭئىل

      چاۋشيەن مەركەز ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئىل 2011 - يىلى 17 - دېكابىر ۋاپات بولغان.

      كىم جۇڭئىل 1942 - يىلى 16 - فېۋرال جۇڭگو - چاۋشيەن چېگرىسىدىكى پائېكدۇ - سان مەخپىي لاگېرىدا تۇۇلغان. 1950 - يىلى 9 - ئايدىن 1960 - يىلىغىچە پىيوڭياڭ قىزىل بايراق ماڭيونداي ئىنقىلابىي ئىنستىتۇتى ۋە پىيوڭياڭ نامسان ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان، 1964 - يىلى كىم ئېرسىن ئۇنىۋېرىسال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي ئىقتىساد فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەن.

      1964 - يىلى 6 - ئايدىن 1974 - يىلى 2 - ئايغىچە، كىم جۇڭئىل چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىدا بۆلۈم باشلىقى، مۇئاۋېن مىنىستىر، مىنىستىر، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1980 - يىلى 10 - ئايدىن ئېتىبارەن، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شۇجىسى بولغان. 1982 - يىلدىن 1998 - يىلغىچە ھەر نۆۋەتلىك چاۋشيەن ئالىي كېڭىشىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلانغان. 1990 - يىلى 12 - ئايدىن 1993 - يىلى 4 - ئايغىچە چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئالىي قوماندانى، دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋېن باشلىقى ۋە باشلىقى بولغان. 1997 - يىلى 8 - ئۆكتەبىر چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى بولغان، 2010 - يىلى 28 - سېنتەبىر چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىلىقىغا ئۇدا سايلانغان.

      كىم جۇڭئىل 1975 - يىلى ۋە 1982 - يىلى ئىككى قېتىم ‹‹جۇمھۇرىيەت قەھرىمانى›› دېگەن نامغا ئېرىشكەن. 1992 - يىلى 4 - ئايدا چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مارشالى، دېگەن نامغا ئېرىشكەن. ئۇ ئۈچ قېتىم كىم ئېرسىن ئوردېنىغا، شۇنىڭدەك كىم ئېرسىن مۇكاپاتى ۋە باشقا ئوردېن، مۇكاپات، ناملارغا ئېرىشكەن.

 

 

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر