باش بەت | ئەنئەنىۋى ئويۇنلار

‹‹چاچ ئۆرۈش›› ئويۇنى

      ‹‹چاچ ئۆرۈش›› ئويۇنى  خاسلىققا ئىگە ئويۇن بولۇپ، ياز ۋە كۈز پەسىللىرىنىڭ ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى ئېرىق ــ ئۆستەڭ بويلىرىدا قىزلار ئوينايدۇ.

       ئويۇنغا قاتناشماقچى بولغان 7 ــ 8 قىز بىر يەرگە جەم بولۇپ، چاچلىرىنى چۇۋۇپ تاراپ تەييارلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىر قىز  ئويۇن رىياسەتچىسى قىلىپ سايلىنىدۇ، رىياسەتچى قىز باشقا ئىش قىلماي، ئويۇن كۆرسىتىدىغانلارنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ، ئاخىرىدا قىزلارنى دەرىجىگە ئايرىيدۇ؛ چېچىنى تەلەپكە لايىق ئۆرەلمىگەنلەرنى بەلگىلىك مۇددەت ئىچىدە قايتا ئۆرۈشكە بۇيرۇيدۇ، يەنىلا ئۆرەلمىسە ‹‹جازا››لايدۇ. ئويۇن رىياسەتچى قىزنىڭ ئىجازىتى بىلەن باشلىنىدۇ ــ دە، قىزلار بەس ــ بەستە چاچ ئۆرىدۇ. شەرت شۇكى، چاچنىڭ چوڭ ــ كىچىكلىكى ئوخشاش 40 تال ياكى ئويۇن باشلىنىشتىن ئاۋۋال قانچە تال ئۆرۈش بېكىتىلگەن بولسا شۇنچە تال ئۆرۈلۈشى، چاچ ئۆرۈگۈچىنىڭ ھەرىكىتى تېز، قائىدىلىك، كۆركەم بولۇشى، چاچ ئۆرۈۋاتقان قىزلار ئۆزئارا پاراڭ سېلىشماسلىقى، بىر ـ بىرىگە قاراپ رەتلىك ئىككى سەپ تۈزۈپ ياكى ئىككى قىز بىر ــ بىرىگە قاراپ ئولتۇرۇشى؛ قانداق ئولتۇرۇشتىن قەتئىينەزەر، چاچ ئۆرۈۋاتقان تەرەپكە سەل ــ پەل ئېگىلىپ، قىزلارغا خاس ئەۋرىشىملىكىنى نامايان قىلىشى، ئۇچىسىدىكى كىيىم ــ كېچەكلىرىنى  پاكىز تۇتۇشى لازىم.

      ئويۇن رىياسەتچىلىكى ھەربىر قىزغا بىر قېتىمدىن كەلگەنگە قەدەر داۋاملىشىپ، يېڭىلگەنلەرگە ‹‹جازا›› بېرىش بىلەن تاماملىنىدۇ.

      قىزلار بۇ ئويۇن ئارقىلىق تال ـ تال ئۆرۈلگەن چاچنىڭ قىزلارنىڭ سۈپىتى، خاسلىقى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ؛ تېز ھەرىكەت قىلىشنى ئۆگىنىدۇ، باشقىلاردىن غالىب كېلىش، تەبىئەتلىك ياشاش ئىرادىسىنى تۇرغۇزىدۇ.

 

مەنبە: ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى تەھرىر: مېھراي