باش بەت | ئاتا – ئانامغا خەت

دادام ماڭا ئامراقكەن

دىلمۇرات دىلشات

      مەن ئېسىمنى بىلسەم چوڭ ئاپامنىڭ ئۆيىدە تۈرىدىكەنمەن. دادام بەزىدە پات ــ پات يوقلاپ تۇرسىمۇ، بەزىدە خېلى كۈنلەرگىچە ئۇنى كۆرەلمەيتتىم. بۇنداق چاغلاردا چوڭ ئانام ماڭا: ‹‹داداڭ سەپەرگە كەتتى›› دەيتتى. مەن ئۇنىڭ خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقىنى تازا چۈشىنىپ كەتمىگەچكە، دادام مېنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاتتىم. كاللامغا بۇ ئوي كىرۋالغان چاغلاردا كۆڭلۈم بەك يېرىم بولۇپ كېتەتتى.

      بىر يەكشەنبە كۈنى دادامنىڭ ئۆيىگە ئوينىغىلى باردىم. بۇ كۈن ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتۈۋاتاتتى، بىراق تۇيۇقسىز قىزىتمام ئۆرلەپ كەتتى. مەن تولا ياندۇرۇپ قاتتىق بىئارام بولدۇم. دادام مېنى ھاپاش قىلىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى. دوختۇر مېنى تەكشۈرۈپ ياتتاقتا يېتىپ داۋالىنىشقا بۇيرۇدى. مەن ياتاقتا ئۈچ كۈن ياتتىم. بۇ مەزگىلدە دادام يېنىمدىن ئايرىلماي ماڭا قارىدى. تۆتىنچى كۈنى ياخشى بولۇپ قالدىم. مېھرىبانلىق بىلەن پېشانەمنى سىلاپ:

      ــ ياخشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.

      ـــ ياخشى بولۇپ قالدىم، دادا، ــ دېدىم مەن.

      دادمغا قارىسام، ئۇنىڭ مېھرىبانلىق چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىدە ياش لىغىلداپ تۇراتتى. مەن خۇشاللىق بىلەن: ‹‹دادام ماڭا ئامراقكەن!›› دەپ ئويلىدىم ۋە ئۇنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ چىڭ قۇچاقلىدىم.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر