باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

چىڭ تۇرۇش

      ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىدىن نېمىنىڭ ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇش ئىكەنلىكىنى سوراپتۇ.

      ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا ‹‹سىلەر راستتىنلا ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشنى بىلمەكچىمۇ؟›› دەپ سوراپتۇ. ئوقۇغۇچىلار بىردەك ‹‹شۇنداق›› دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

      ئوقۇتقۇچى بىر ئالمىنى ئېلىپ ئۈستەلگە قويۇپتۇ – دە، ئوقۇغۇچىلارغا ‹‹كۆپچىلىك، زېھنىڭلارنى مەركەزلەشتۈرۈڭلار، ئون سېكۇنتتىن كېيىن ماڭا نېمە پۇرىغىنىنى ئېيتىپ بېرىسىلەر›› دەپتۇ.

      ئوقۇتقۇچى ئون سېكۇنتتىن كېيىن: ‹‹قانداق پۇراقنى سەزدىڭلا؟›› دەپ سوراپتۇ.

      بىرنەچچە ئوقۇغۇچى ‹‹ئالما›› دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

      ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا يەنە: ‹‹ساۋاقداشلار زېھنىڭلارنى يىغىپ ھاۋادىكى پۇراقنى پۇراپ بېقىڭلار›› دەپ، ھېلىقى ئالمىنى ئۈستەلگە قويۇپتۇ – دە، ئوقۇغۇچىلارنى چۆرىدەپ بىر ئايلىنىپ چىقىپتۇ. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىن ‹‹بۇ قېتىم قانداق پۇراقنى سەزدىڭلار؟›› دەپ سوراپتۇ. نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ‹‹ئالمىنىڭ پۇرىقىنى!›› دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئوقۇتقۇچى يەنە ھېلىقى ئالمىنى ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ بۇرنىغا تەگكۈزۈپ چىقىپتۇ. بۇ قېتىم بىر ئوقۇغۇچىدىن باشقا ھەممەيلەن قولىنى كۆتۈرۈپ ‹‹يەنە ئالما پۇرىدى›› دەپتۇ.

      ئوقۇتقۇچى كۈلۈپ تۇرۇپ قولىنى كۆتۈرمىگەن ھېلىقى ئوقۇغۇچىدىن ‹‹سىزگە نېمە پۇرىدى؟›› دەپ سوراپتۇ.

      ھېلىقى ئوقۇغۇچى بىردىنلا كۆپچىلىككە قاراپ، ئالدىراش قولىنى كۆتۈرۈپتۇ – دە، ‹‹كۆپچىلىككە ئوخشاشلا ماڭا ئالما پۇرىدى›› دەپتۇ.

      بۇنى ئاڭلىغان ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ ‹‹ئەمەلىيەتتە بۇ بىر مودېل ئالما، ھېچقانداق پۇرىقى يوق. بىراق، ھازىر سىلەر نېمىنىڭ ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇش ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەنسىلەر!›› دەپتۇ.

     ھېكمەت: سىز ئۆزىڭىز يېتىلدۈرگەن مەيدانىڭىزدىن ۋاز كەچمەكچى بولغاندا، باشقىلارنىڭكىگە ئوخشاش كۆز قاراش ياكى مەقسەتنى تاللىسىڭىز سىزنى ھەقىقەتەن يىراقلاشتۇرۇۋېتىدۇ، شۇڭا سىز ئىشەنچنىڭ نەتىجىسىنى ئويلاشماي ئۆزىڭىزنىڭ مەيدانىڭىزنى بېكىتسىڭىز بۇ ئەڭ توغرا تاللاش بولىدۇ.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر