باش بەت | پىسخىكا

پەرزەنتلەر ئەلگە ۋاپادار بولسۇن

       كىم ئۆز يۇرتىنى سۆيمىسە، ئۇ ھېچنېمىنى سۆيمەيدۇ.

 — ژ. بايرون

      خەلقىمىزدە «ئاتاڭنىڭ ئوغلى بولغىچە ئەلنىڭ ئوغلى بول»، «ئەل رازى، خۇدا رازى» دېگەنگە ئوخشاش ۋاپادارلىق تەربىيەسىگە ئائىت ماقال – تەمسىللەر ناھايىتى كۆپ. بۇ تەشەببۇسلار ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر «ئۇدۇم.» ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئىجادىيەتلىرىدە بارلىققا كەلگەن نۇرغۇنلىغان داستان ۋە چۆچەكلەرنىڭ ئاساسىي ئىدىيەسى ۋاپادارلىقنى ئاساس قىلغان. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاپادارلىق تەربىيەسىگە قانچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇرلار: ھەرقانچە بىلىملىك بولغان بىلەن ۋاپادار بولمىسا بىكار، دەپ قارايدۇ. دانا ئۇستازلارنىڭ قارىشىچە، ۋاپادارلىق تەربىيەسىنى كىچىدىكىدىن باشلاش كېرەك ئىكەن. بولۇپمۇ بالىلار مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن مۇنداق بىرقانچە تەرەپتىن يېتەكلەش كېرەك:

      بىرىنچى، پەرزەنتلەر كىچىكىدىن باشلاپلا ۋەتەننىڭ، خەلقنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ھەقىقىي تونۇپ يەتسۇن. ئۇيغۇر خەلقى خەلق بىلەن شەخس ئۇقۇمىنى دېڭىز بىلەن تامچە سۇنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەققەسلاپ چۈشەندۈرىدۇ. بىر تامچە سۇ يەككە – يېگانە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ، ھاياتلىقنى ھەم ساقلاپ قالالمايدۇ. بىر تامچە سۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ئالدىنقى شەرت دېڭىز مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئىگە بولۇشى كېرەك. بۇ نۇقتىنى ئاتا – ئانىلارمۇ تولۇق چۈشىنىشى ھەم ئۆزىنىڭ ئەلگە بولغان ۋاپادارلىقى بىلەن بالىلارغا ئۈلگە بولۇشى لازىم.

      ئىككىنچى، پەرزەنتلەر ۋەتەن، خەلق ئالدىدا ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى ۋە بۇرچى بارلىقىنى ھېس قىلسۇن. چۈنكى، ھەربىر ۋەتەندىشىنى مۇشۇ زېمىنلا باقىدۇ، ۋەتەندىلا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قەدىر – قىممىتىنى تاپالايدۇ. ھەربىر ئادەم خەلققىلا ئەمەس، بەلكى بۇ زېمىن ئۈچۈن، ۋەتەننىڭ ھاۋاسى ئۈچۈنمۇ قەرزدار.

      ئۈچىنچى، ئەلنىڭ گۈللىنىشى، بەخت – سائادىتى ھەربىر شەخسنىڭ بەختى بىلەن زىچ باغلىنىپ كەتكەن. ۋەتەننىڭ تەقدىرى، خەلقنىڭ ئىستىقبالى ئەمەلىيەتتە ھەربىر شەخسنىڭ بەختى ۋە ئىستىقبالى، دېگەن سۆز. ۋەتىنى ئۈچۈن باش قاتۇرمىغان ئادەم، ۋەتەننىڭ تەقدىرىنى ئويلىمىغان ئادەم ئۆزگىمۇ مەنسۇپ ئەمەس. ئۇنداق ئادەمنى بېجىرىم ئادەم دېگىلى بولمايدۇ. ئىنسانىيەت دۇنياسىدا بارلىققا كەلگەن ئەڭ ئۇلۇغۋار ئادەملەر ۋە بۈيۈك باتۇرلۇقلار ۋەتەننىڭ تەقدىرى ئۈچۈن بولغان كۈرەش داۋامىدا بارلىققا كېلەلەيدۇ.

      تۆتىنچى، ئاتا – ئانىلار بۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىنلا، پەرزەنتلەر ئۈچۈن ۋاپادارلىق تەربىيەسى بېرىش ئۈچۈن دەسلەپكى ئاساسىنى سلالايدۇ. بالىلار ۋەتەننىڭ ئولۇغلۇقى ۋە كوللېكتىپنىڭ كۈچ – قۇدرىتىنى تونىسۇن، ئۇلار مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىنلا مەكتىپىنى سۆيىدىغان، سىنىپ كوللېكتىپىنى سۆيىدىغان، سىنىپ كوللېكتىپىنىڭ شان – شەرىپى ئۈچۈن تىرىشىدىغان ياخشى ئىستىلنى ئادەتەلەندۈرۈشى كېرەك.

يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇقنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدىن ئېلىندى.

 

مەنبە: پەرزەنت تەربىيەسىدىن تەھرىر: قەلبىنۇر