باش بەت | ئۈلگىلەر يېتەكلەيدۇ

ئۈلگىلىك غۇنچە مەدىنە

ئايشەمگۈل جاپپار

      ‹‹ئاپام مېنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن كۆپ جاپا تارتتى. مەن چوقۇم تىرىشىپ ئوقۇپ ئاپامنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلايمەن››. بۇ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 66 – باشلانغۇچ مەكتەپ پىيونېرلار چوڭ ئەترىتىنىڭ ھەيئىتى، 6 – يىللىق 1 – سىنىپنىڭ ئۆگىنىش باشلىقى مەدىنە مەمەتنىڭ يۈرەك سۆزى.

      مەدىنە مەكتەپكە كىرگەندىن بۇيان تىرىشچانلىقى، چىقىشقاقلىقى ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن تېزلا ئۆگىنىش باشلىقى بولۇپ سايلاندى، ئۇ دەرستە يېتىشەلمەيۋاتقان ساۋاقداشلىرىنى يېتەكلەشنى ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتى دەپ قاراپ ئۇلارغا ھەركۈنى كەچتە ماتىماتېكا، خەنزۇ تىلى دەرسىلىرىنى تەكرار قىلىپ بەردى. ئەتىگىنى يېرىم سائەت بۇرۇن مەكتەپكە كېلىپ سىنىپ ۋە مەيدان تازىلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىدى. ساۋاقداشلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشقا ماھىر بولۇپ ئايلىق ‹‹كۆچمە قىزىل بايراق››نى قولدىن بەرمىدى. سىنىپتا ئايدا بىر قېتىم ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى تەشكىللەپ ساۋاقداشلىرىنى قىيىنچىلىقى بار ساۋاقداشلارغا، ياشانغانلارغا ياردەم بېرىشكە سەپەرۋەر قىلدى. مەكتەپ ۋە سىنىپنىڭ ‹‹قارا تاختا›› گېزىتىنى ناھايىتى سۈپەتلىك ئىشلىدى.

      مەكتەپ پىيونېرلار چوڭ ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى بۇئايشەم مۇئەللىمنىڭ ئېيتىشىچە، مەدىنە مەكتەپتە ئوقوتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ ياخشى كۆرۈشى، ماختىشىغا سازاۋەر بولۇپ كېلىۋاتقان پائالىيەتچان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇ ئىككى يىلدىن بۇيان مەكتەپ پىيونېرلار چوڭ ئەترىتىنىڭ ھەيئىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ چوڭ ئەترەتنىڭ پائالىيەت ۋە يىغىنلىرىدا پىيونېرلارغا پائالىيەت ئۇقتۇرۇشىنى يەتكۈزۈش ۋە ئەترەت يىغىنلىرىنى ئېچىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئەستايىدىل ئىشلەپ كېلىۋېتىپتۇ. ياۋرۇپا – ئاسىيا كۆرگەزمىسى ئېچىلىشنىڭ ئالدى – كەينىدە كىچىك پىدائىي بولۇپ يوللارنى سۈپۈرۈپ، ئەخلەتلەرنى تېرىپتۇ. 2011 – يىلى مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان ‹‹مەن كىچىك پۇقرا›› تېمىسىدىكى ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە «قوشماق» دوستى جىن يۈشى بىلەن بىللە يوللارنى تازىلاپ، تاملاردىكى ئېلان پارچىلىرىنى يۇيۇپتۇ.

      مەدىنە مەكتەپكە كىرگەن ئالتە يىلدىن بۇيان «ئۈچتە ياخشى» ئوقۇغۇچى، ‹‹مۇنەۋۋەر پىيونېر››، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چولپىنى››، ‹‹تۆتتە ياخشى›› ئۆسمۈر، ‹‹پائالىيەتچان ئۆسمۈر›› قاتارلىق ناملار بىلەن كۆپ قېتىم تەقدىرلەنگەندىن سىرت، مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹قوش تىل››دا نۇتۇق سۆزلەش، ماقالە يېزىش، ئېغىزچە ھېسابلاش، مەسىلە يېشىش مۇسابىقىلىرىدە ئايرىم – ئايرىم ھالدا بىرىنچى ۋە ئىككىنچىلىككە، 2010 – يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ماتىماتېكا بىلىملىرىدىن يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشىپتۇ.

سۈرەتتە: مەدىنە ساۋاقداشلىرىنى يېتەكلىمەكتە.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر