ياپونىيە خوندا شىركىتىنىڭ توكلۇق تاق چاقلىق ئاپتوموبىلى Uni - Cub كەشىپ قىلدى. بۇ تاق چاقلىق ئاپتوموبىلنىڭ ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى سائىتىگە پەقەتلا 5.9 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، شوپۇر بەدىنىنى بۇراش ئارقىلىق يۆنىلىشىنى كونترول قىلىدىكەن.
Uni - Cubنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى لەيلەپ تۇرغان ئاپتوموبىل ئورۇندۇقىغا ئوخشايدۇ، قول بىلەن تىرىمىسىمۇ بولىدۇ، شوپۇر پەقەت بەدىنىنى ئالدىغا ئەگسىلا، كەينى چاق كۈچەپ ئاپتوموبىلنى ئالدىغا ماڭغۇزىدۇ. شوپۇر بەدىنىنى ئوڭ - سولغا بۇراش ئارقىلىق يۆنىلىشنى كونترول قىلىدۇ.
ھازىر خوندا شىركىتى Uni - Cubنى بازارغا سالىدىغان ۋاقىتنى بەلگىلىمىدى.