باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

قەغەز مومىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى

      بۈگۈن قەغەز مومىنىڭ 2000 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى. ئۇنىڭ نەۋرىلىرى قەغەز مومىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى. ئۆزلىرىنىڭ يېڭى ئۆگەنگەن ماھارىتىنى دوكلات قىلدى.

      بىرىنچى بولۇپ ئايروپىلاندا كەلگىنى داۋالاش قەغىزى ئىدى، ئۇ قەغەز مومىغا ئېگىلىپ: ‹‹يارىلانغان ئورۇنغا مېنى چاپلىسا ياخشى بولۇپ قالىدۇ. مەن يەنە دوختۇرغا ياردەملىشىپ كېسەللەرگە دىياگنوز قويىمەن!›› دېدى. قەغەز موما خۇشال ھالدا: ‹‹بۇرۇن كىشىلەر پەقەت دوختۇرلا كېسەل كۆرىدۇ دەپ ئويلايتتى، ئەمدى مېنىڭمۇ كېسەل كۆرەلەيدىغان نەۋرەم بار بولدى، يارايسەن!›› دېدى.

      بۇ چاغدا بىر ماشىنا كەلدى. ئۇ توختاي دېگەندە تۇيۇقسىز قەغەزگە ئايلىنىپ قالدى. قەغەز موما ئەجەبلىنىپ : ‹‹سىز كىم؟›› دېدى، ‹‹موما، مەن ھەممىگە قادىر قەغەز، مېنى كىشىلەر ماشىنا، ئايروپىلان شەكلىدە قاتلاپ يەرگە تاشلىسىلا مەن ئۇلار ئويلىغان نەرسىگە ئايلىنىمەن. بەزى نامرات كىشىلەر مېنى گۆھەر ساندۇقى قىلىپ قاتلاپ يەرگە تاشلىسا گۆھەر ساندۇقىدا ھەرخىل نەرسىلەر پەيدا بولىدۇ›› دېدى ھەممىگە قادىر قەغەز كۆرەڭلىگەن ھالدا. قەغەز موما بۇنى ئاڭلاپ: ‹‹ناھايىتى ياخشى، مەنمۇ ماشىنىغا ئولتۇرۇپ سەيلە قىلىشنى ئويلىغانىدىم›› دېدى. ‹‹چاتاق يوق!›› دېدى ھەممىگە قادىر قەغەز. ئۇ سۆزلىگەچ ناھايىتى ئېسىل بىر ماشىنىغا ئايلاندى. قەغەز موما ماشىنىغا ئولتۇردى، ئۇلار شەھەر ئىچىنى ئايلاندى، بىردەمدە دېڭىز ساھىلىغا كېلىپ قالدى، قەغەز موما: ‹‹قوزام، مۇشۇ يەردە توختات، مېنىڭ بىردەم ئاپتاپقا قاقلانغۇم كېلىۋاتىدۇ›› دېدى.

      ‹‹موما، بىردەم توختاپ تۇرۇڭ!›› قەغەز موما ئۇ تەرەپكە قاراپ يەنە بىر نەۋرىسىنى كۆردى، قەغەز موما كۈلۈپ: ‹‹سىز كىم؟›› دېدى. ‹‹موما، مېنى تونۇماسلىقىڭىز مۇمكىن، مەن ئاپتاپقا چىداملىق قەغەز، مېنى شەپكە ياكى كۈنلۈك قىلىپ ئۈستى تەرەپكە تۇتسا ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى توسىمەن ھەمدە ئاپتاپ ئۆتۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىمەن›› دېدى. قەغەز موما: ‹‹مەن ئاپتاپقا قاقلانماقچى ئىدىم، ئەسكەرتكىنىڭگە رەھمەت!›› دېدى. شۇنىڭ بىلەن قەغەز موما ئۇنى ئېلىشىغا شەپكىگە ئايلىنىپ بېشىغا كىيىلدى، قەغەز موما: ‹‹بۇ قەغەز بەك ئەسقاتىدىكەن، چوڭ بولغاندا چوقۇم ياراملىق ئادەم بولغۇدەكسەن›› دېدى. ئۇلار دېڭىز بويىدا قانغۇچە ئوينىدى، پاراڭلاشتى، ناھايىتى خۇشال بولدى.

      پەن – تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ قەغەزنىڭ تەرەققىياتىمۇ ناھايىتى تېز بولدى، پارقىراق قەغەز، خەت تونۇش قەغىزى، نىقابلىق قەغەز قاتارلىقلار ئارقا – ئارقىدىن قەغەز مومىنى تەبرىكلىگىلى كەلدى. ئۇلار بەس – بەستە ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى تونۇشتۇردى، قەغەز موما نەۋرىلىرىگە قاراپ ھازىرقى نەۋرىلىرىنىڭ بۇرۇنقى نەۋرىلىرىدىن كۆپ ياراملىق ئىكەنلىكىدىن خۇشال بولدى.

 

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر