باش بەت | يېمەك – ئىچمەك

پولۇ

  

       پولۇ ئۇيغۇر، ئۆزبېك، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئاساسىي يېمەكلىكلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا ھەر مىللەت ئاممىسى ياقتۇرىدىغان ئائىلە تامىقى. ئۇيغۇرچە ‹‹پولۇ›› سۆزى پارس تىلىدىن كىرگەن. پولۇ ئادەتتە پاكىز يۇيۇلغان قول بىلەن يېيىلىدۇ. پولۇ ئاساسلىقى گۈرۈچ، گۆش، سەۋزە، ياغ، پىيازلارنى ئارىلاشتۇرۇپ دۈملەش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ. پىشقان پولۇ پۇراقلىق، مەززىلىك، ناھايىتى يېيىشلىك بولىدۇ، پولۇ مېھمان كۈتۈش ئۈچۈن كۆپرەك ئېتىلىدۇ.

      پولۇنىڭ نۇرغۇن خىللىرى بار، مەسىلەن، كىشمىش، گۈلە، شاپتۇل قېقى، ياڭاق مېغىزى قاتارلىق قۇرۇق مېۋىلەر سېلىپ ئېتىلىدىغان ‹‹مېۋە پولۇسى›› ياكى ‹‹گۆشسىز پولۇ››، ئۈستىگە قېتىق قۇيۇپ يېيىلىدىغان ‹‹قېتىق پولۇسى›› ، شۇنداقلا يەنە ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان، پولۇ ئۈستىگە تۆت – بەش پېتىر مانتا بېسىلىدىغان ‹‹ئاش مانتا››، ئۈستىگە قورۇما سېلىپ يېيىلىدىغان ‹‹بەتتە پولۇ››لار بار.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر