باش بەت | تەربىيەچىلىرىمىز

يىراق يېزىدىكى‹‹پەرۋانە››

نىياز راخمان

      — مۇئەللىم، سىز ئۈچىنچى بالىڭىزنىمۇ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتماقچىمۇ؟

      — شۇنداق، بۇ بالامنىمۇ پېداگوگىكا مەكتىپىدە ئوقۇتماقچى، ئۆزىنىڭ ئارزۇسىمۇ ھەم شۇنداق.

      — ھازىر ئوقۇتقۇچىلىق بەكمۇ جاپالىق. ئالدىنقى ئىككى بالىڭىزنى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتتىڭىز، ئۆزىڭىزمۇ بىر ئۆمۈر ئوقۇتقۇچىلىقنىڭ جاپاسىنى تارتتىڭىز. بۇ بالىڭىز ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 522 نومۇر ئاپتۇ، بۇ نومۇر بىلەن خېلى داڭلىق ئالىي مەكتەپكە كىرەلەيدۇ. ھېچ بولمىسا بىرەر بالىڭىزنى دوختۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇتسىڭىز بولمامدۇ؟

      — شۇنداق، مەن ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىلى 34 يىل بوپتۇ. مائارىپنىڭ جاپاسىنىمۇ تارتتىم، نۇرغۇن شان – شەرەپكىمۇ ئېرىشتىم. بۇ بالام خېلى يۇقىرى نومۇر ئالدى، دوختۇرلۇق ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش كەسىپلەردە ئوقۇتساممۇ بولۇۋېرەتتى. لېكىن، پەرزەنتلىرىمنى ئوقۇتقۇچى قىلىش ئارزۇيۇم بار. مېنىڭ تەسىرىمىدىنمۇ بالىلىرىمنىڭ ھەممىسى ئوقۇتقۇچىلىقنى ياخشى كۆرىدۇ.

      مانا بۇ كۇچا ناھىيە بازىرىدىن 75 كىومېتىر يىراقلىقتىكى بىر يېزا ئوتتۇرا مەكتىپى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن قىلىشقان سۆھبىتى.

     ئۇنداقتا مائارىپ خىزمىتى بىلەن بىر ئۆمۈر شۇغۇللانغان، بىر ئۆمۈر ئوقۇتقۇچىلىقنىڭ جاپاسىنى تارتقان تۇرۇقلۇق يەنە ئۈچ پەرزەنتىنى ئوقۇتقۇچى قىلىش ئۈچۈن پېداگوگىكا مەكتىپىدە تەربىيەلەۋاتقان بۇ پېشقەدەم باغۋەن كىم؟ بۇ كۇچا ناھىيەسى خانىقاتام ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ شۇجىسى رەمتۇللا ئىمىر.

      رەمتۇللا ئىمىرنىڭ تازا بىلىم ئالىدىغان ۋاقىتلىرى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىغا توغرا كېلىپ قالغاچقا مۇكەممەل بىلىم ئېلىش پۇرستىگە ئېرىشەلمىدى. 1979 – يىلى سابىق ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى ۋە 1981 – يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندە ئانا مەكتىپى خانىقاتام ئوتتۇرا مەكتىپىگە تەقسىم قىلىنىپ ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىنى باشلىدى.

      ئۇ خىزمەتكە چۈشۈپلا سىنىپ مەسئۇلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. مەيلى تولۇقسىز يىللىقلارغا، مەيلى تولۇق يىللىققا سىنىپ مەسئۇلى بولغاندا ياكى دەرس بەرگەندە بولسۇن ئۆگىنىشنى، ئىزدىنىشنى، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى بوشاشتۇرۇپ قويمىدى. ئۇنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن تەربىيە ئىشلىشى نەتىجىسىدە ئۆگىنىشكە ئانچە قىزىقمايدىغان ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغان بولدى. 1984 – يىلى ئۇ سىنىپ مەسئۇلى بولغان سىنىپتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان 15 ئوقۇغۇچىدىن يەتتە ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى، بەش ئوقۇغۇچى ئوتتۇرا تېخنىكومغا ئۆتۈپ خانىقاتام يېزىسىدىن ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن ئوقۇغۇچى بولماسلىقتەك تارىخقا خاتىمە بېرىپ، خانىقاتام يېزىسىدا چوڭ تەسىر قوزغىدى. رەمتۇللا ئىمىرمۇ مەكتەپ رەھبەرلىكى ۋە كەسىپداشلىرىنىڭ قايىللىقىغا ئېرىشتى.

      1983 – يىلى مەكتەپ رەھبەرلىكى رەمتۇللا ئىمىرنى مەكتەپ ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلىدى. ئۇ ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ مەكتەپنىڭ ئىتتىپاق خىزمىتىنى جانلاندۇردى. ئەتراپلىق، پۇختا ئىشلەنگەن ئىتتىپاق خىزمىتىنىڭ نەتىجىسى تېزلا كۆرۈلۈپ مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتېتى يىل ئاخىرىدا ناھىيە بويىچە ‹‹ئىلغار ئاساسىي قاتلام ئىتتىپاق ياچېيكىسى›› دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى، ئۆزى ناھىيىدە ئېچىلغان ئىتتىپاق قۇرۇلتىيىدا تەجرىبە تونۇشتۇردى. ئۇ شۇ يىلى كۈزدە تەبىئىي پەن ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللۇقىغا تەيىنلەندى. ئۇ ئىشنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىن باشلاپ، تەبىئىي پەن ئوقۇتۇشىدىكى ئاجىز ھالقىلارنى ئاستا – ئاستا ئوڭشاش ئارقىلىق تەبىئىي پەن نەتىجىسى ئۇدا تۆۋەن بولۇش ھالىتىنى ئۆزگەرتتى. ئۇ ئوقۇتۇشقا قوشقان تۆھپىسىگە ئاساسەن 1990 – يىلى مۇئاۋىن ئىلمىي مۇدىر، 1993 – يىلى ئىلمىي مۇدىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى. رەمتۇللا مۇئەللىم ئوقۇش – ئوقۇتۇش خىزمىتى ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش توغرىسىدا ئويلىنىپ دەرسخانا ئوقۇتۇشى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى باھالاشنى قېلىپلاشتۇردى، دادىللىق بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ باردى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمىتىگە ئوبيېكتىپ، ئادىل باھا بېرىپ ئۇلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىنى قوزغىدى. مەكتەپتە خىزمەتنى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيدىغان، ئىلغارلاردىن بولۇشقا تىرىشىدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندى.

      1998 – يىلى 12 – ئايدا رەمتۇللا ئىمىرنىڭ باشقۇرۇش ۋە تەشكىللەش جەھەتتىكى قابىلىيىتىنى مۇئەيەنلەشتۇرگەن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىك ئۇنى سابىق يېڭىيەر ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرىلىقىغا تەيىنلىدى. ئەسلىدىمۇ جاپالىق شارائىتتا خىزمەت قىلىۋاتقان رەمتۇللا مۇئەللىم خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتى تېخىمۇ جاپالىق بولغان، يېزا بازىردىن 10 كىلومېتىر، ناھىيە بازىرىدىن 88 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قۇرۇلغىنىغا ئانچە ئۇزۇن بولمىغان بۇ مەكتەپتىكى خىزمىتىنى باشلىدى.

      رەمتۇللا ئىمىر يېڭىيەر ئوتتۇرا مەكتىپىگە كېلىپلا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەنتنىڭ كونا ئامبىرى ۋە ئىشخانىلىرىدا ئولتۇرىدىغانلىقى، بۇ كېسەك ئۆيلەرنىڭ ئاللىبۇرۇن خەتەرلىك ھالەتكە كېلىپ قالغانلىقى، تامغا تىرەك قويۇلغانلىقى، يامغۇر ياغسا يامغۇر ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ ئەمەلىي قىيىنچىلىقى ئۇنى ئويغا سالدى. ئۇ بۇ ئەھۋالنى يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسىغا دوكلات قىلدى. ئۇنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن يېزىلىق پارتكوم بۇ مەكتەپكە 670 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئالتە سىنىپ، 10 ئېغىزلىق ئىشخانا، ياتاق سېلىپ بەردى. تۇرمۇشتىن خاتىرجەم بولغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت قىزغىنلىقى ھەسسىلەپ ئاشتى.

      2004 – يىلى بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ئۆمەر تۇرسۇن بۆرەك زەئىپلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ جىددىي بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشقا توغرا كەلدى. ئۆمەر تۇرسۇننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر داۋالىنىشقا زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتىن يەنىلا قىيىنچىلىققا دۇچكەلدى. رەمتۇللا ئىمىر ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى دەم ئېلىش كۈنلىرىدە پاختا تېرىش ئەمگىكىگە قاتنىشىپ تاپقان پۇلىنى ئۆمەر تۇرسۇنغا ئىئانە قىلىشقا تەشكىللىدى. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار كېۋەز تېرىپ قىلغان 25 مىڭ يۈەن كىرىمىنى ئۇنىڭ داۋالىنىشىغا ياردەم قىلدى.

      2005 – يىلى 12 – ئايدا يېڭىيەر يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ خانىقاتام يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە قوشۇۋېتىلگەندە رەمتۇللا ئىمىر بۇ مەكتەپنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى. بىر قانچە مەكتەپنىڭ قوشۇۋېتىلىشى بىلەن بۇ مەكتەپ 300 ئوقۇتقۇچى، 2500 ئوقۇغۇچىسى بولغان چوڭ مەكتەپكە ئايلاندى. ئۇ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مەكتەپنىڭ ئومۇمىي خىزمەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئوقۇتۇشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ‹‹ئۈچ يىغىن، بىر دەرس›› تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈردى. ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغايدىغان تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقتى. ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئىدىيەۋى تەربىيەنى كۈچەيتىپ، قانۇن – تۈزۈم تەربىيەسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربيەسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى، ئاتېئىزم تەربىيەسىنى كۈچەيتتى.

    2011 – يىلى 10 – ئايدا خانىقىتام ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئابدۇغېنى قادىر قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ پۇت – قولى زەخىملەندى. داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ كۆپ قىسمىنى سۇغۇرتا شىركىتى ئۈستىگە ئالغان بولسىمۇ ئۇنىڭ ئائىلىسى يەنىلا ئىقتىسادتىن قىينالدى، رەمتۇللا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى ياردەم قىلىشقا چاقىرىپ 7350 يۈەن يىغىش قىلىپ بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئاپىسىغا تاپشۇرۇپ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزدى.

      رەمتۇللا ئىمىر مەكتەپتىكى ياش ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. ئوقۇتۇش سېپىگە يېڭىدىن قەدەم قويغان ياش ئوقۇتقۇچىلارغا ئوقۇتۇش مېتودى، تەلىم – تەربىيە ئۇسۇلى جەھەتتە ئۆزى ئۈلگە بولۇش ۋە ئەمەلىي يېتەكلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوقۇش – ئوقۇتۇش تەلىپىگە ماسلىشىشىشىنى قولغا كەلتۈردى.

      مەكتەپ رەھبەرلىكى ئۆزى ئوقۇش – ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىگە چوڭقۇر چۆككەندىلا ئوقۇتقۇچىلارغا قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئوقۇش – ئوقۇتۇش خىزمىتىدە نەتىجە قازىنالايدۇ. رەمتۇللا ئىمىر مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىسىدىكىلەرگە ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىگە چۆكۈشنى دائىم تەكىتلەپ تۇرىدۇ. ئۇ مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى ۋە رەھبەرلىك بەنزىسىدىكىلەر ھەرقايسى سىنىپتىكى ئۆگىنىش، ئىنتىزام ۋە ئىدىيە – ئەخلاق، تۇرمۇش جەھەتتە ياردەمگە موھتاج ئوقۇغۇچىلاردىن ئىككىدىن ئۈچكىچە نىشانلىق يېتەكلەشنى تۈزۈملەشتۈردى. ئوقۇتقۇچىلار بۇ ئوقۇغۇچىلارغا ھەرقايسى جەھەتلەردە ئايرىم يېتەكچىلىك قىلغاندىن باشقا يەنە تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىپ ئۇلارنىڭ خاتىرجەم ئوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

      رەمتۇللا ئىمىر مەيلى قايسى خىزمەتنى قىلسۇن ئۆز خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن ياخشى چىقىشقا تىرىشتى. ئۇنىڭ كەسىپچانلىقى، ئوقۇتۇش خىزمىتىگە ئۆزىنى بېغىشلاش روھى خىزمەتداشلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. ئۇ 1985 – يىلدىن باشلاپ يېزىلىق، ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى، پارتىيە قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى. ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا تەرىپىدىن كۆپ قېتىم ‹‹ئىلغار خىزمەتچى››، ‹‹مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى››، ‹‹ئاساسىي قاتلام مائارىپ سېپىدىكى تۆھپىكار باغۋەن››، ‹‹تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇشتىكى ئىلغار شەخس›› دېگەندەك ناملارغا ئېرىشتى.

      بىر ئۆمۈر يۈرەك قېنىنى ئاساسىي قاتلام مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلغان بۇ پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى پەرزەنتلىرىنىڭمۇ يۇرتىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇشى ئۈچۈن ئۈچ پەرزەنتىنى پېداگوگىكا مەكتەپلىرىدە ئوقۇتتى. مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ئۆزىنى بېغىشلىغان بۇ مائارىپ ‹‹پەرۋانە››سى پەرزەنتلىرىنىڭمۇ ‹‹پەرۋانە›› بولۇپ مائارىپ بېغىدا ياش – ئۆسمۈرلەرنى ئەتراپلىق تەربىيەلەش يولىدا ئىزدىنىشىنى ئازرۇ قىلدى. ئۇنىڭدىكى ئاددىي خىزمەت ئورنىدا ئۇلۇغۋار نىشان ئۈچۈن تىرىشىدىغان ‹‹پەرۋانە›› روھى ئۈچ پەرزەنتىنىڭ، شۇنداقلا ھەممىمىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

(ئاپتور كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدە) 

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئىلمىنۇر