باش بەت | كائىنات سىرلىرى

يولۋاس نېمىشقا سۇ ئۈزەلەيدۇ

      كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى مۈشۈكنىڭ سۇغا ئۆچلۈكىنى بىلىدۇ، بەدىنىگە بىرقانچە تامچە سۇ تېگىپ كەتسىمۇ، مۈشۈك دەرھال سىلكىۋېتىدۇ. ئۇنداقتا يولۋاس نېمىشقا ئوخشاشلا مۈشۈك ئائىلىسىگە تەۋە ھايۋان تۇرۇپ سۇ ئۈزەلەيدۇ؟ بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب بىرى، ئۇلارنىڭ ياشاش مۇھىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يەنە بىرى، ئۇلارنىڭ بەدىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

      ھازىر يەر شارىدا يولۋاسنىڭ ئالتە كەنجى تۈرى قالغان، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا: شەرقىي شىمال يولۋىسى، سېبىرىيە يولۋىسى، بېنگال يولۋىسى، ھىندىستان يولۋىسى، جەنۇبىي جۇڭگو يولۋىسى ۋە سۇماترا يولۋىسى. ئەمەلىيەتتە، يولۋاسنىڭ سۇ ئۈزۈشىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەقسىتى بەدەن تېمپېراتۇرىسى 40 سېلسىيە گىرادۇسقا يېقىن ھاۋادا، سۇ ئۈزۈش ئىسسىقتىن ساقلىنىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇل. مەزمۇت بەدىنى بىلەن پالاقچە پۇتى يولۋاسنىڭ سۇ ئۈزەلىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، بۇنىڭدىن سىرت، سۇ ئۈزۈش بىر خىل ھەرىكەتلا بولۇپ قالماي، يەنە ئوۋ قىلىش ۋاسىتىسى بولۇپ، يولۋاسلار بەزىدە ئولجا تۇتۇش ئۈچۈن، قوغلاپ سۇغا چۈشىدۇ.

 

مەنبە: بىلىم - كۈچ تەھرىر: قەلبىنۇر