باش بەت | كىچىك دورا ساندۇقى

قىزىل چاينىڭ شىپالىق رولى

      قىزىل چاينىڭ بەدەننى روھلاندۇرۇش، مېڭىنى سەگىتىش، راكقا قارشى تۇرۇپ قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش رولى بولغاندىن سىرت يەنە باكتېرىيە ئۆلتۈرۈپ، سېسىق پۇراقنى يوقىتىش رولى بار. ماتېرىياللاردا قىزىل چاينىڭ بىرقانچە خىل ئەپچىل ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى خۇلاسىلەنگەن.

      دەملەنگەن قىزىل چايدا پۇت يۇيغاندا پۇت پۇراشنى داۋالىغىلى بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قىزىل چاي تەركىبىدىكى تەيرافىلاۋىن قاتارلىقلار ئاكتىپ ئوكسېگىننى يوقىتىپ، پۇت تېرىسىنى تېخىمۇ يۇمران قىلىدىكەن.

      قىزىل چاي تەركىبىدىكى كاتېخىننىڭ سېسىق پۇراقنى يوقىتىش رولى بار بولۇپ، دائىم قىزىل چاي ئېچىپ بەرگەندە ياكى قىزىل چاي يوپۇرمىقىنى چايناپ بەرگەندە ئېغىز پۇراشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. ئۇنىڭ يەنە باكتېرىيەلەرنى ئۆلتۈرۈپ دېزىنفىكسىيە قىلىش رولى بولۇپ، ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيەلەرنى ئازايتىپ، چىشنى قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى كاتېخىن تەيرافىلاۋىن چىشنىڭ داغ بولۇپ قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدىكەن ھەمدە قىزىل چاي تەركىبىدىكى فىتور چىشنىڭ ئېمال قەۋىتىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدىكەن. دەملىنىپ بولغان قىزىل چاينى قۇرۇتۇپ خالتىغا تىكىپ، ئۆينىڭ بۇلۇڭلىرىغا، ئىشكاپ، تارتمىلارغا سېلىپ قويسا، ئوخشاشلا باكتېرىيەنى ئۆلتۈرۈپ سېسىق پۇراقنى يوقىتىدىكەن.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئىلمىنۇر