باش بەت | يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن

ھايۋانلارنىڭ ئەقلىي جەھەتتە پەرقى بارمۇ

      ھايۋانلار تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا، بەدەن قۇرۇلمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ مېڭىىسى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، ئەقلىي ئىقتىدارىمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغان. ئۇنداقتا، بارلىق ھايۋانلار ئوخشاشلا ئەقىللىقمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ئەقلىي ئىقتىدار جەھەتتە پەرقلىنىدۇ.

      ھايۋانات دۇنياسىدا شىمپەنزە ئەڭ ئەقىللىق. كىشىلەر ئۆيلەرنىڭ تورۇسىغا باناننى ئېسىپ قويغاندا، شىمپەنزە پۇتىغا ساندۇقلارنى قويۇپ باناننى ئالغان. بۇ خىل ھەرىكەت ۋە تەپەككۇر ھايۋانات دۇنياسىدا يۇقىرى سەۋىيە ھېسابلىنىدۇ.

      دېلفىنمۇ ناھايىتى ئەقىللىق بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارى شىمپەنزىنىڭكىدىن كۆپ پەرق قىلمايدۇ. بەزى ماھارەتلەرنى مايمۇنلار نەچچە يۈز قېتىم مەشىق قىلغاندىن كېتىن ئاندىن ئۆگىنىۋالالايدۇ، لېكىن دېلفىن پەقەت 20 قېتىم مەشىق قىلىپلا ئۆگىنىۋالالايدۇ. ئالاھىدە مەشىق قىلدۇرۇلغان دېلفىن كىشىلەرگە تېخى دېڭىزغا چۆكۈپ كەتكەن نەرسىلەرنى تېپىپ بېرەلەيدۇ. سۇ ئاستىدا مەشغۇلات قىلىۋاتقان غەۋۋاسلارغا قورال – سايمان ۋە ئۇچۇر يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ. ئەگەر ھايۋانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ئۇلارنىڭ مېڭىسىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىدا ئىگىلەيدىغان نىسبىتى بويىچە ئۆلچىنىدىغان ئولسا، دېلفىن ئادەمدىن قالسىلا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، مايمۇنلار ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

 

      ھايۋانلار ئارىسىدا ئىت، دېڭىز شىرى، ئېيىق قاتارلىقلار ناھايىتى ئەقىللىق بولۇپ، كىشىلەر ئۇلارنى كۆڭۈل قويۇپ مەشىق قىلدۇرسا، ئۇلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، ھەر خىل سېرك نومۇرلىرىنى ئوينىيالايدىغان بولىدۇ. بىراق، ھەممىلا ھايۋان بۇنداق ئەقىللىق ئەمەس.

 

مەنبە: يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن تەھرىر: مەۋلان