باش بەت | ئەنئەنىۋى ئويۇنلار

‹‹كالا سېغىش›› ئويۇنى

      ‹‹كالا سېغىش›› ئويۇنى بىر قەدەر نازۇك، مۇرەككەپ ئويۇن بولۇپ، باش باھار يەر ـ زېمىن خېلىلا ئىللىغان ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى كۈن نۇرى ئوبدان چۈشىدىغان ئورۇنلاردا، كەچ كۈزدە توڭ ياتقۇزۇلغان ئېتىز ـ ئېرىق ياكى قىشتىمۇ سۇ ئۆكسىۈمەيدىغان ئۆستەڭ، كۆل بويلىرىدا قىزلار ئوينايدۇ. ئويۇنغا بىردىن ئونغىچە ئادەم قاتنىشىدۇ.

      قىزلار كۆڭلىگە پۈككەن سورۇنلارغا جەم بولۇشۇپ، باھار تەپتىدە ئېرىپ پارچىلىنىپ، سۇدا لەيلەپ يۈرگەن ئەينەكسىمان مۇز پارچىلىرىنى ئاۋايلاپ سۈزۈۋېلىپ، كۈنگەي تام تۈۋىگە قاتار تىزىدۇ، مۇزلار كۈن نۇرىدا ئاستا ــ ئاستا ئېرىپ سۇ سىرغىشقا باشلايدۇ، دەل شۇ ۋاقىتتا قىزلار مۇز پارچىسى ئالدىدا خۇددى سۈت ساغقۇچىلاردەك زوڭ ئولتۇرۇپ ‹‹كالا سېغىش››قا ھازىرلىنىدۇ. كۆپ ھاللاردا مۇزدىن سۇ سىرغىشقا باشلىغاندا يۇمشاق توپىدىن بىرەر چاڭگالنى مۇزنىڭ ئۈستىگە ئاز ـ ئازدىن سېپىش ئارقىلىق سىرغىۋاتقان سۇ قۇيۇلدۇرۇلىدۇ، بۇنداق قىلىش ‹‹ئوغۇز سۈتى›› ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

      قىزلار سۈت سېغىش ھەرىكىتىنى ئانىلىرى ياكى باشقا ئاياللاردىن ئۆگىنىۋالغىنى بويىچە تەرتىپلىك، كۆركەم، چاققان ئورۇندايدۇ، بولۇپمۇ ‹‹كالنىڭ ئەمچىكى››نى تارتىپ سۈت سېغىشنى خۇددى راستەك ئوخشىتىدۇ. ئويۇنغا قاتناشقان ھەربىر قىزنىڭ بۇ ئويۇننى ئويناش ۋاقتى ئوخشاش بولمايدۇ، ئويۇن شۇ كۈنلۈك ئويۇن ئىشتىراكچىلىرى ئۆز كالىسىنى ‹‹سېغىپ›› بولغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. ئويۇن ئاخىرىدا كىمنىڭ قانچىلىك ‹‹سۈت›› ئالغانلىقى تامغا يۆلەنگەن مۇز پارچىسىنىڭ قالغان ــ قالمىغانلىقى، يەرگە سىرغىپ چۈشكەن ‹‹ئوغۇز سۈتى›› قاتارلىقلارغا قاراپ مۆلچەرلىنىدۇ. ئويۇن داۋامىدا كالا سېغىش ھەرىكىتى تەرتىپلىك، تېز، كۆركەم بولغان، كىيىمى ۋە يەرنى بۇلغىۋەتمىگەنلەر شۇ كۈنلۈك ئويۇننىڭ سەردارلىرى سانىلىپ، ئويۇن رىياسەتچىسى تەرىپىدىن شۇ سورۇندىكى قىزلار ئالدىدا ياخشى سۆزلەر بىلەن سۈپەتلىنىدۇ. بۇ ھال قىزلارنىڭ پائالىيەتچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ.

      قىزلار بۇ ئويۇن ئارقىلىق بەلگىلىك تۇرمۇش ۋە مىللىي ئەنئەنە بىلىملىرىگە ئىگە بولىدۇ؛ ئانىسىغا ياردەملىشىشنىڭ دەسلەپكى قەدىمىنى تاشلايدۇ، بەدەن قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇشتا زۆرۈر بولغان سۈت، قايماق، سېرىقماي قاتارلىقلارنىڭ كېلىش مەنبەسى بىلەن تونۇشۇپ چىقىدۇ؛ ئۆزئارا دوستلۇق ئورنىتىدۇ.

 

مەنبە: ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى تەھرىر: مېھراي