باش بەت | پەن – تېخنىكا يېڭىلىقلىرى

ئېلېكتىرونلۇق پۇل قاپچۇقى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئىشلىتىلىدۇ

      نەچچە ئايدىن كېيىن لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى نەق مەيدانغا بېرىپ كۆرۈشنى پىلانلىغانلارغا نىسبەتەن، ئەگەر مۇسابىقە ئارىلىقىدا ئىچىملىك ئىچكۈسى كەلسە ياكى مۇسابىقىدىن كېيىن قۇت بەلگىسى سېتىۋالغۇسى كەلسە، نەق پۇل ۋە ئىناۋەتلىك كارتىدىن باشقا يەنە بىر يول كۆپىيىپ، يانفوننى سۈركەش ئارقىلىق پۇل تۆلەش پەيدا بولدى.

      ئېلېكتىرونلۇق پۇل قاپچۇقى نەزەرىيەسى نەچچە يىلدىن بېرى ئۈزۈلمەي دېيىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، رەسمىي خۇرۇم پۇل قاپچۇقىنى ئىشلەتمەي، يانفون بىلەن پۇل تۆلەش تۇنجى قېتىملىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇشۇ بىر نۇقتىغا تايىنىپلا لوندون ئولىمپىك مۇسابىقىسىمۇ پەن - تېخنىكىلىق ئولىمپىك جەھەتتە تارىختا نام قالدۇرىدۇ.

      پىلان بويىچە، لوندون ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مەيدانلىرىدا، يۆتكىلىشچان پۇل تۆلەش پىلانىغا قاتناشقان ئابونىتلار يانفونىنى كارتىنى ئوقۇش ئەسۋابىغا سۈركەپ قويسىلا كۆڭلى خالىغان مەھسۇلاتلارنى ئالالايدۇ. بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، 15 پوند ستېرلىڭدىن يۇقىرى ئىستىمال قىلسا، يانفوندا شىفىر كىرگۈزۈش زۆرۈر بولىدۇ. پۇل تۆلەنگەندىن كېيىن، ئابونىتلار يەنە يانفوندا ھەرۋاقىت ئۆزىنىڭ ئىستىمال خاتىرىسى ۋە ھېسابات قالدۇقىنى تەكشۈرەلەيدۇ.

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان