باش بەت | ئاتا – ئانامغا خەت

دادامنى ياخشى كۆرىمەن

دىلبەر ئابدۈراخمان

      دادام باشقىلارنىڭ دادىسىغا ئوخشاش ئاددى دادا بولسىمۇ، لېكىن مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇ ئالاھىدە تۇيۇلىدۇ. نېمە ئۈچۈن دېسىڭىز، ئۇ تولىمۇ ئىشچان، چېۋەر ئادەم. ئىشەنمىسىڭىز بىزنىڭ ھويلىغا كىرىپ باقسىڭىز بىلىسىز. بىزنىڭ ھويلا ھەرخىل گۈللەر، مېۋىلىك دەرەخلەر ۋە كۆكتاتلار بىلەن تولغان بولۇپ، خۇددى كىچىك باغچىغا ئوخشايدۇ. ئۆي ۋە ھويلىدىكى ھەممە نەرسىلەر شۇنداق ئىدىتلىق، رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شۇڭا، مەھەللىدىكىلەر دادامنى ‹‹ئىپى بار ئادەم›› دېيىشىدۇ. دېمىسىمۇ راسىت، بۇلارنىڭ ھەممىسى دادامنىڭ ھارماي ــ تالماي ئىشلىگەنلىكىدىن بولغان. دادام دائىم بىزگە: ‹‹ھويلا ــ ئارام مۇھىتى گۈزەل، پاكىز بولسا ئادەمنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ، ئاغرىق ــ سىلاقتىن خالىي بولىدۇ›› دەيدۇ ھەم بىزنىمۇ شۇنداق قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

      دادام تىجارەتچى بولغاچقا ئاز ــ تولا پۇل تاپتى، لېكىن ئۇ پۇلۇم جىق دېمەي، ۋاقتى كەلگەندە بەزىلەر ياراتمىغان ئېغىر ــ يىنىك ئىشلارنى، بەزىلەر قىلىشتىن خىجىل بولىدىغان ئىشلارنىمۇ قىلىدۇ. ئۇ بىزگە توغرا يول بىلەن ھالال پۇل تاپقاننىڭ خىجىل بولىدىغان يېرى يوق، دەيدۇ.

      مەن دادامنىڭ بىر ئىشىغا ھەيران. ئۇنىڭ پۇلى جىق تۇرۇپمۇ بەزىدە پۇل سورىسام ئاسانلىقچە بەرمەيدۇ. مەن بۇنىڭدىن دادامنى پىخسىق ئوخشايدۇ، دەيتتىم. بىر قېتىم مەھەللىمىزدىكى بىرىنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىشقا پۇلى يوقلۇقىنى ئاڭلاپ، 1000 يۈەن ياردەم قىلدى؛ مەكتەپ ئاچقان ئاتا ــ ئانىلار چوڭ يىغىنىدا، دادامنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرالمايۋاتقان نامرات بالىلار ئۇچۇن 3000 يۈەن ئىئانە قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ ھەيراق قالدىم. دېمىسىمۇ دادام يېتىم ــ يېسىر، نامراتلارغا دائىم ياردەم قىلىپ تۇرىدۇ.

      مېنىڭ دادامدىن تېخىمۇ خۇشال بولىدىغان يېرىم ئۇ بىزگە تولىمۇ كۆيىنىدۇ، ۋاقتى چىقسىلا ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىدۇ، بەزىدە بىزگە ھىكايە، چۆچەكلەرنى ئېيتىپ بېرىدۇ، بىزنى دائىم تىرىشىپ ئۆگىنىشكە ئۈندەيدۇ.

      ساۋاقداشلار، مېنىڭ دادام ياخشىمىكەن؟ مەن دادامنى ياخشى كۆرىمەن ۋە تېنىنىڭ سالامەت، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشنى تىلەيمەن.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر