باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

باشقىلارنى ماختاشنى بىلىڭ

      پوچتىخانىدا زاكاز خەت سېلىش ئۈچۈن ئۆچىرەت ساقلاۋاتقىنىمدا، پەشتاختىنىڭ كەينىدىكى خىزمەتچىگە ناھايىتى دىققەت قىلدىم. ئۇنىڭ پوچتا يوللانمىلىرىنى جىڭلاش، پوچتا ماركىسى بېرىش، خېرىدارلارغا پارچە پۇل قايتۇرۇش، ھۆججەتلەرنى بۆلۈپ تارقىتىشتەك قايتا – قايتا تەكرارلىنىۋاتقان بۇ خىزمىتىدىن ناھايىتى زېرىككەنلىكى مانا مەن دەپ چىقىپلا تۇراتتى. ئۇ مېنىڭ ئەۋەتمەكچى بولغان زاكاز خېتىمنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەۋاتقاندا، مەن ئۇنىڭغا قىزغىنلىق بىلەن: ‹‹مېنىڭ چېچىممۇ سىزنىڭكىدەك ياخشى بولسا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى – ھە!›› دېدىم.

      ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ: ‹‹مېنىڭ بۇ چېچىمنىڭ بۇرۇنقى ھالىتى ھازىر قالمىدى›› دەپ قويدى. مەن ئۇنىڭغا بەلكىم ھازىر ئۇنىڭ چېچى بۇرۇنقىدەك پارقىراق بولماسلىقىنى، بىراق چېچىنىڭ ھازىر يەنىلا ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدىم، ئۇمۇ ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتتى، شۇنداق قىلىپ بىزمۇ ناھايىتى خۇشال ھالدا بىرنەچچە ئېغىز پاراڭلاشقان بولدۇق. ئاخىرىدا ئۇ تېخى ماڭا: ‹‹ئىلگىرى كۆپلىگەن كىشىلەر سىزگە ئوخشاشلا مېنىڭ چېچىمنى ماختىغانىدى›› دېگەن سۆزنىمۇ قىلدى.

      مەن بۇ ئايالنىڭ چۈشلۈك تاماققا چىققاندا ناھايىتى خۇشال، يېنىك قەدەملەر بىلەن ماڭىدىغانلقىنى، كەچتە ئۆيىگە قايتقاندا ئۆيىدىكىلەرگە بۇ ئىشنى چوقۇم ئېيتىدىغانلىقىنى، تېخى ئەينەككە قاراپ تۇرۇپ: ‹‹مېنىڭ بۇ چېچىم ھەقىقەتەن گۈزەل›› دەيدىغانلىقىغىمۇ ئىشىنەتتىم.

      مەن باشقىلارغا بۇ ئىشنى سۆزلەپ بەردىم، بەزىلەر مەندىن: ‹‹سەن ئۇ ئايال بىلەن ئۇنداق پاراڭلىشىپ زادى نېمىگە ئېرىشمەكچى؟›› دەپ سورىدى.

      توغرا، مەن ھەقىقەتەن ئۇ ئايال بىلەن پاراڭلىشىپ بىر نەرسىگە ئېرىشمەكچى. شۇنداقلا ئۇ نەرسىگە ئېرىشىپمۇ بولدۇم. مەن ئۇنىڭغا ئۆزىدىكى گۈزەللىكنى ھېس قىلدۇرالىدىم: ئۆزۈم بولسام باشقىلارغا ياردەم قىلىشتىن كەلگەن خۇشاللىققا ئېرىشتىم. ئۇ ھېسسىيات ئۆتۈپ كەتسىمۇ، يەنىلا مېنىڭ يادىمدا، ماڭا ھەر ۋاقىت خۇشاللىق ئاتا قىلالايدۇ.

      ھېكمەت: بىزدە ‹‹بۇغداي نېنىڭ بولمىسىمۇ، بۇغداي سۆزۈڭ يوقمۇ؟›› دەيدىغان گەپ بار، گەرچە بىزنىڭ بىر – ئىككى ئېغىز سۆزىمىز باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىۋېتەلمىسىمۇ، بىراق بىزنىڭ شۇ گېپىمىز قارشى تەرەپكە خېلى زور تەسەللىي بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا باشقىلارغا چىرايلىق گەپ قىلىپ كۆڭلىنى ئۆستۈرۈش، قارشى تەرەپنى مەمنۇن قىلىدۇ.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر