باش بەت | پىسخىكا

نېمە ئۈچۈن كۆپ چۆرگىلىگەن بالا ئەقىللىق بولىدۇ دەيمىز

      بالىلارنى ئوڭ – سولغا چۆرگىلىتىش ئارقىلىق زېھنىنى ئېچىش پىروفېسسور رېين پارمو قوللانغان ئۇسۇللارنىڭ بىرى. ئۇ بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە خېلى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن. بۇ ئۇسۇل مۇنداق:

      بالا ئالدى بىلەن غۇلىچىنى كېرىپ تەڭپۇڭ تۇرىدۇ، بالىنى ئامالنىڭ بارىچە تېز چۆرگىلەتكەندىن كېيىن، توختىتىپ 15 سېكۇنت تۇرغۇزۇش ھەم بالىغا ‹‹بىز دېگەن تىك ئايروپىلان، ئۇچۇپ ئايرودۇرۇمغا كېتىۋاتىمىز›› دېيىش ھەمدە بالىلار چۆرگىلەۋاتقاندا يېنىك مۇزىكا قويۇپ بېرىش كېرەك. ئۇنىڭدىن كېيىن، ‹‹توختاڭ، كۆزىڭىزنى يۇمۇڭ، تەڭپۇڭلۇقىڭىزنى ساقلاپ، مىدىرلىماي تۇرۇڭ›› دېيىش (ھەرگىز ‹‹يېقىلىپ كەتمە›› دېمەسلىك، نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكىنىلا تەكىتلەش، ھەرگىزمۇ قىلماسلىققا تېگىشلىك ئىشلارنى تەكىتلىمەسلىك)، بالا 25 سېكۇنت ئۆرە تۇرۇپ، بېشى قايمايدىغان بولغاندا يەنە يۇقىرىقى ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

       ئون قېتىم ئاشۇنداق چۆرگىلەش ئۈچۈن بەش مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ 15 سېكۇنت توختاپ، 15 سېكۇنت چۆرگىلەشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. بۇ جەرياندا تېزلىككە ئەھمىيەت بېرىش لازىم. مۇئەييەن تېزلىك قۇلىقىدا سۇيۇقلۇق ئاققاندەك سېزىم پەيدا قىلىدۇ. بالىلارنى كۆزىنى يۇمۇپ چۆرگىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش، گاھىدا كۆزىنى ئاچقۇزۇپ ئەتراپنى كۆرسىتىش. بىر قېتىم ئوڭغا چۆرگىلىگەندىن كېيىن، توختىتىپ سولغا چۆرگىلىتىش، ئاندىن يەنە توختىتىپ ئوڭغا چۆرگىلىتىش كېرەك. ئەگەر بالا بەك كىچىك بولۇپ، ئۆزى چۆرگىلىيەلمىسە، چوڭلار بالىنىڭ بىر قولىدىن تۇتۇپ چۆرگىلىتىپ قويسىمۇ بولىدۇ، ئەمما ھەرىكەت ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشى كېرەك.

 

مەنبە: بالىلار ساغملىق دەستۇرىدىن ئېلىندى تەھرىر: قەلبىنۇر